يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئومۇمىي كىرىمى 36 مىليون يۈەندىن ئاشتى
2019 - يىلى 4 - ئايدا، دۇڭجياۋەن كەنتى پۈتۈن شىنجاڭدا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كەنت پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كەنت كەنت كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكىنىڭ %70ىنى ئەمگەك يېشى ئىچىدىكى كوپىراتىپ ئەزالىرىغا مىقدارلاشتۇرۇپ بەردى، %30ىنى كەنت كوللېكتىپىغا مىقدارلاشتۇرۇپ بەردى. پۈتۈن كەنتتىكى 1610 كەنت ئاھالىسى كەنت پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچىكىغا ئايلىنىپ، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپ مۈلكى پېيىنىڭ پايدا تەقسىملىشىگە قاتنىشالايدىغان بولدى.