كۈمۈش بۈركۈت قانات قېقىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىنى يېقىنلاشتۇردى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا پائال سىڭىشىپ، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە تورىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان، پۈتۈن تورلىشىپ تۇتاشقان» بولۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. مۆلچەرلىنىشىچە، «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ سانى 37گە يېتىدىكەن، «كىشىلەرنى سەپەردە راھەت ھېس قىلدۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش» گۈزەل ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانماقتا.