جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3 – نويابىر جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېچىلغان تۇنجى يىغىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يىغىن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئاپتونوم رايوندىكىلەرنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى توپلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە مەدەت بېرىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈردى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

مەركەز تەشۋىقات ئۆمىكى شىنجاڭدا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

مەركەز تەشۋىقات ئۆمىكى 8 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمزدا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. مەركەز تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جيايى دوكلات بەردى.

كۇچادا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش باشلاندى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 2015-يىلى 26-ئۆكتەبىردىن 29-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كادىر، ئامما تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.

   باش پىلانلىغۇچى ۋە باش نازارەتچى: لى ۋەنخۇي، قۇربانجان يۇنۇس | پىلانلىغۇچى ۋە نازارەتچى: قەيسەر قېيۇم | مەسئۇل مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان | مۇھەررىر: مەۋلۇدە ئابلىز| بەت لايىھەلىگۈچى ۋە ئىشلىگۈچى: ئىمامجان