• قىزىلسۇدىكى 104 نەپەر نەمۇنىچى ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى ئەۋەتكەن سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋالدى

  • ‹‹يېڭى باھاردا چىلان ئارقىلىق بەخت تىلەش›› شىنجاڭنىڭ چىلان سودىسىنى قىزىتىۋەتتى

  • چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدە 100 يۈرۈش چىلان سوۋغاتلىقى يولۇچىلارغا سوۋغا قىلىندى

  • بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز خۇددىي چىلاندەك تاتلىق

  • 100 ياشلىق بوۋاي بادام ئارقىلىق بەخت تىلىدى

يەكەن چىلىنى بىراقلا بىر مىليارد يۈەنلىك كىرىم ياراتتى

يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى شىنجاڭنىڭ بەش خىل ئەلا سۈپەتلىك چىلىنى ۋاسىتە قىلىنىپ، يەكەن دەريا ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مىننەتدارلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى شىنجاڭنى سۆيىدىغان، شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› تور مەدەنىيەت پائالىيىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ

25 – يانۋار مۇخبىرنىڭ چاقىلىق ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ داڭلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى بولغان چاقىلىق چىلىنى يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى ـــ ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› يېڭى باھاردا بەخت يوللاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن، بۇ، چاقىلىق چىلىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى تور تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلۇشى ئىكەن.

پائالىيەت چۈشەندۈرۈلۈشى
‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام››چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان.
 
‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى باشلاندى

1–فېۋرال، شىنجاڭنىڭ چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى بولغان ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› شېئىر دېكلاماتسىيە پائالىيىتى يەكەن ناھىيەسىدە باشلاندى. 1–فېۋرال شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان تۇنجى تەبرىكلەش پائالىيىتى ـــ ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› نى باشلاش مۇراسىمى ھەمدە شېئىر دېكلاماتسىيە پائالىيىتى يەكەن ناھىيەسىدە باشلاندى.

 
 

يەكەن دەرياسىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

يەكەن ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ‹‹زېمىنى كەڭ جاي›› دېگەن مەنىدە. زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1281 كىلومېتىر، يىللىق ئېقىن مىقدارى تەخمىنەن 7 مىليارد 593 مىليون كۇب مېتىر. يەكەن دەرياسى قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى لاسكوي دەرياسىدىن باشلىنىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغا ئىككى ئۆلكە (شىنجاڭ، شىزاڭ) نىڭ تۆت ۋىلايەت، بىر ئوبلاست (ئالى ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى) ىدىكى توققۇز ناھىيە – شەھەر (تاشقورغان ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، ئاقتو ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى) ىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىدە خوتەن دەرياسى بىلەن بىرىككەندىن كېيىن تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ.

سىلەر بىلەن شىنجاڭ گۈزەل
 

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى 137 نەمۇنىچى ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› سوۋغاتلىقىغا ئېرىشتى

يېقىندا ئالتاي ۋىلايىتىدىكى 54 نەپەر ئەمگەك نەمۇنىچىسى، 81 نەپەر ئەخلاق نەمۇنىچىسى، 2 نەپەر تىپىك شەخس كەينى-كەينىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى ئەۋەتكەن چىلان ۋە قۇرۇق مېۋە قاچىلانغان سوۋغاتلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

 

قولى گۈل ـــ سەن ۋۇرما

سەن ۋۇرما مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىپ، جەمىئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن. مەن مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم-كېچەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش خىزمەتلىرىنى تېخمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئەتراپتىكى ئاياللار ئاممىسىغا باشلامچىلىق قىلىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ باي بولۇش يولىغا باشلايمەن.

 
 

گۈلخۇمار ۋاھاپ : قەلبىمىزدىكى مۇھەببەت ئۈچۈن...

پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى؛ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماڭا تۆككەن قان-تەرى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى. مەن ئوقۇتقۇچىلىرىمنى سۆيىمەن، ئوقۇغۇچىلىرىمنى سۆيىمەن، كەسپىمنى سۆيىمەن، يۇرتۇمنى سۆيىمەن، ۋەتىنىمنى سۆيىمەن ـــ گۈلخۇمار ۋاھاپ.

مىننەتدارلىق تىلەكلەر
 

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

3-فېۋرال، شاڭخەي شەھەرلىك چۈەنشا ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدىكى مەردان قاتارلىق تۆت ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى 300دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىغا ۋەكىل بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك 1-ۋېكليۇچاتېل زاۋۇتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بۇ يەردىكىلەرگە شىنجاڭنىڭ يۈرۈشلۈك چىلان سوۋغاتلىقىنى ھەدىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆزلىرىگە قىلىۋاتقان غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى. گەرچە، بۇ بىر قانچە كۈندە شاڭخەيدە قاتتىق سوغۇق بولغان بولسىمۇ، بىراق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مىننەتدارلىق ھەرىكىتى قەلبلەرنى ئىللىتتى.

باش پىلانلىغۇچى ۋە باش نازارەتچى: جۇ جيەنخۇا، قۇربانجان يۇنۇس | پىلانلىغۇچى ۋە نازارەتچى: قەيسەر قېيۇم، رائىلە ئېزىز

مەسئۇل مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان | مۇھەررىر: زاھىدە مۇتەللىپ

تېخنىكا نازارەتچىسى: ئەكرەم ئەركىن | تېخنىك:ئابدۇرەشىد ھۈسەيىن، ئەخمەتجان نىياز(پراكتىكانت)