جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

    يېڭى پولات ئىستىھكام بەرپا قىلايلى

    ھەربىي بايراق لەپىلدەپ، جەڭ ناخشىسى ياڭرىدى. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش كۈچلۈك قەدىمىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. 90 يىلدىن بۇيان مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، بېيىتىشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

    غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەش

    شۇنداق تارىخ باركى، ئىسسىق قان بىلەن يېزىلغان، ئۇنىڭغا بەزىدە جەسۇرلۇق، باتۇرلۇق پۈتۈلگەن بولسا، بەزىدە ئازاب – ئوقۇبەت پۈتۈلگەن بولىدۇ.

    ‹‹خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى2017›› نىڭ جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈستىگە ئالغان تۆت تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

    ‹‹خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى 2017››نىڭ جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈستىگە ئالغان تۆت تۈرى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى شىنجاڭ كورلىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. جۇڭگونىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىسى ‹‹سۇۋوروۋ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش›› پىيادىلەر جەڭ ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسى، ‹‹سۈزۈك ئاسمان›› ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمى، ‹‹بىخەتەر مۇھىت›› يادرو بىيوخىمىيە رازۋېدكا گۇرۇپپىسى، ‹‹قورال – ياراغ ماھىرى›› قورال – ياراغلارنى رېمونت قىلىشتىن ئىبارەت تۆت مۇسابىقە تۈرىدە كوللېكتىپ چېمپىيونلۇققا، 11 يەككە تۈر بويىچە چېمپىيونلۇققا، شەخسلەر تۈرى بويىچە 14 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

    تېخىمۇ كۆپ>>

    يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە پەن–تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ھەم ھەربىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

    ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي پەن تەتقىقاتىدىكى مۇھىم كۈچ. ھەربىي پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسى، يېڭى تەلەپلىرىگە ماسلىشىپ، ھەربىي نەزەرىيە بىلەن ھەربىي پەن – تېخنىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي پەن تەتقىقات خىزمىتىنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ھەربىي ئىلىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرۇش كېرەك.

    تېخىمۇ كۆپ>>

    تېخىمۇ كۆپ>>

    ئوقۇغۇچىلار ھەربىي گازارمىدا «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى كۈتۈۋالدى

    29-ئىيۇل خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرىدە ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىم ئىنستىتۇتىدا «قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ گازارما زىيارىتى» تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. ئوقۇغۇچىلار بۇ جايدا ئوفىتسېر-ئەسكەر تاغىلىرى بىلەن بىرلىكتە قىسىم تۇرمۇشىنى، ئىنتىزامىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى.

    گۇيجۇ، شەنشى، خېبېينىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى گۇيياڭدا باشلاندى

    گۇيجۇ، شەنشى، خېبېينىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى 29-ئىيۇل گۇيياڭ شەھىرىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنى گۇيجۇ، شەنشى، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىنىڭ سەنئەت ئۆمىكى بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىزىل ئارمىيەنى باشلاپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، قىزىل تايانچ بازا قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى يېتەكلەپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئازادلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىق، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

    جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئېچىلدى

    30-ئىيۇل «ئاپپارات كۆزىدىكى خەلق ئارمىيەسى» ــ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى بېيجىڭدىكى جۇڭخۇا ئەسىر سۇپىسى جۇڭگو فوتو سۈرەت كۆرگەزمە سارىيىدا ئېچىلدى. كۆرگەزمىدە خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى سالاپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. كۆرگەزمىنى جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، «جۇڭگو فوتوگرافلىقى» ژۇرنىلى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

    تېخىمۇ كۆپ>>