تاماشىبىنلارغا يېڭىچە زوق ئاتا قىلغان ‹‹مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان››

    شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى كىلاسسىك ئەسەر ‹‹مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان››نى 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا ئاتاپ مۇزىكىلىق تىياتىر شەكلىدە قايتىدىن تەييارلىغانىدى، يېڭى نۇسخىدىكى مۇزىكىلىق تىياتىر ‹‹مۇزتاغقا كەلگەن مېھمان›› 7 – ئاينىڭ 21 –، 22 – كۈنلىرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى

    پولشالىق ئۇسسۇلچىلار تاماشىبىنلارغا ‹‹ئەتىرگۈل›› تۇتتى

    ئاخىرقى بۆلەكتىكى ‹‹تۇتاي ساڭا ئەتىرگۈل›› ناملىق ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ياڭرىشى بىلەن شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ ئىچى ئالقىش ساداسىغا تولدى، تاماشىبىنلار مۇزىكىنىڭ ئۇدارىغا ماسلىشىپ ئۈزۈلدۈرمەي چاۋاك چالدى، زالنىڭ ئۇ يەر – بۇ يېرىدىن ياشلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

    ‹‹قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى›› قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن شىنجاڭنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى

     ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا بېغىشلانغان ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى›› 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەنتەنىلىك ئورۇنلىنىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلار ۋە 2000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت تاماشىبىنغا ئۆزگىچە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلدى

    ئۇسسۇل ئارقىلىق نامايان قىلىنغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھى

    5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى كەچتە داغدۇغىلىق باشلاندى. سەھنە دېكراتسىيەسىدە گۈزەل ئانار گۈلى پەيدا بولۇپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىل يوپكا كىيگەن نەچچە ئون قىز شوخ ئۇسسۇلغا چۈشتى. بۇ، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئوينالغان ‹‹قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى›› ناملىق تۇنجى ئۇسسۇل ئىدى. نەپىس ئەۋرىشىم ئۇسسۇل ناھايىتى تېزلا مەردانە ئۇسسۇلغا ئۆزگىرىپ، كىشىلەرگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ھېس قىلدۇردى.

    تېخىمۇ كۆپ>>

    ئۇسسۇل بايرىمىدا ياڭرىغان ئافرىقا مېلودىيەسى

     كونگو تەڭكىشى ئۇسسۇل ئۆمىكى 2010-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۆمەكنىڭ نومۇرلىرىدا سوقما مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل ئاساسىي ئورۇنداش شەكلى قىلىنىپ، ئافرىقا دۇمبىقى ناخشا، ئۇسسۇلى قاتارلىق سەنئەت تۈرلىرى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ ئۆمەك كونگودىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋە قەبىلىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئاساس قىلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان.

    تېخىمۇ كۆپ>>

    تېخىمۇ كۆپ>>