مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىم خەۋەر

    ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-07-28 11:25:25شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە قەسەم، ۋەدە بېرىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى

     مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە قەسەم، ۋەدە بېرىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىغا قاراشلىق سىستېما، ئورۇنلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە قەسەم، ۋەدە بېرىش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، ئاڭلىق ھالدا قەسەم، ۋەدە بېرىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىغا قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئېغىر زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئورگان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەخسۇس تېمىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى، ياچېيكا قۇرۇلۇشىنى، تەشكىلىي فۇنكسىيەنى كۈچەيتىشى، ۋەدە بېرىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، ۋەدىسىدە تۇرۇش ئەھۋالىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى تېخىمۇ ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تېخىمۇ كەسكىن كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىغا قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقىتىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

     سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىغا قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت زور مەسىلىدە ئىدىيەمىزنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە قەتئىي ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ياخشى روھىي قىياپىتىمىز ۋە خىزمەتتىكى ئەلا نەتىجىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

     ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىغا قاراشلىق ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلارنىڭ ئورگان پارتكوم شۇجىلىرى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىلىرى ۋە پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 310دىن ئارتۇق كىشى سۆھبەت يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.