مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىم خەۋەر

    قانۇن شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز

    ئامانگۈل2017-07-24 10:29:10شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇنچىلىق ساھەسىدىكىلەر قەلەمنى قورال قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

      ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇنچىلىق ساھەسىدىكىلەر 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي – قانۇن تارماقلىرى، قانۇن تەتقىقات مەكتەپلىرىدىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق قانۇنشۇناس ۋە قانۇن خىزمەتچىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلار ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلماي، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى جان تىكىپ قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداشتا قەتئىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت قانۇنشۇناسلىرى، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى ئەيىبلەشكە يەنىمۇ يېتەكلەپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

     شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، قانۇنچىلىق جەمئىيىتى قانۇنشۇناسلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جاڭ يۈندې، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور چېن تۇڭ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قانۇنچىلىق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى باقىتبېك ئادىلقان، قەشقەر ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش تەپتىش دىلشات سايىمدىن ئىبارەت تۆت قانۇنشۇناس، قانۇن خىزمەتچىسى ۋەكىلى ئاساسىي تېمىدا سۆز قىلدى.

     شىنجاڭ قانۇنچىلىق جەمئىيىتى ‹‹پۈتۈن شىنجاڭدىكى قانۇنشۇناسلار، قانۇن خىزمەتچىلىرىگە تەشەببۇس››نى ئوقۇپ، ھەر مىللەت قانۇنشۇناسلىرى، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى كاللىسىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىش؛ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاش؛ ئەمەلىيەتنى كۆزلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا چاقىردى.

     بۇ يىل 4 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 100 نەپەر مۇنەۋۋەر سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىسىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇنچىلىق جەمئىيىتى ‹‹ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇننى سۆيۈش، ئىناقلىق بەرپا قىلىش›› بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ياش پىدائىيلىرى قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتى ئاساسىي قاتلام سەپىرىنى قانات يايدۇرۇش، قانۇنچىلىق جەمئىيىتىنىڭ كادىرلىرىنى ۋە ئاممىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى زىچ چۆرىدەپ، مەخسۇس تەتقىقات تېمىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق بىر قاتار قانۇن تەتقىقاتى ۋە قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقاتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىش يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.