مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىم خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىدىكى ئىمزالىق ماقالىسىنى تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

    ئامانگۈل2017-07-23 14:34:37شىنجاڭ گېزىتى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى يولداش ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىتلارنىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىدىكى ئىمزالىق ماقالىسىنى تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.

     ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلارنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ۋە ئېزىز مۇسادىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇپ، ئارقا – ئارقىدىن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇردى.

     ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل ئەھمەد، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يولداش ئابلەت ئابدۇرېشىتلار ئايرىم – ئايرىم ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇقىملىق ئۈستىدە سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا توختىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداشقا چاقىرىق قىلىپ، جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاس قوزغىدى. جايلار، تارماقلارنىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىدە تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللىشىنى؛ شىنجاڭدا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىدىغان، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورتاق تونۇش ۋە ھەرىكەتنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغدىشىنى؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:

    1.ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايلى

    2.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى شىنجاڭ زېمىنىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرايلى

    3.پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئۇنتۇماي، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.