مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    گۈزەل يۇرت ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

    بىر ئىللىق ماكان بار، ئۇ ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-07-09 14:39:37شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

     ‹‹قەدىردان ئانا، مەن سىرتتا يۈرۈۋاتقان شۇنچە ئۇزاق يىلدا خەنزۇ ئاغىنىلىرىمنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، ھېچ ئىشنى باشقا چىقىرالمىغان بولاتتىم. رېستوران خوجايىنى بولالىشىمدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى››. يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە يېمەك – ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇللا ئوبۇلھاشىم ئانىسىغا خەت يازغان بولۇپ، خەتتىكى قۇرلاردىن ئۇنىڭ ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

     ئىللىقلىق بولسا مىننەتدارلىق بولىدۇ. 15 يىل ئىلگىرى يۇرتى شىنجاڭدىكى قاراقاش ناھىيەسىدىن ئايرىلىپ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىگە بېرىپ ئوقەت قىلىپ، نەنچاڭدا 11 دۇكىنى، ئون يايمىسى بار تىجارەتچىگە ئايلانغان ئابدۇللا ئوبۇلھاشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا يەنە ئۇ ھەرۋاقىت ھېس قىلىپ تۇرغان ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنىڭ نەتىجىسى.

     بۇ ئىللىقلىق نەنچاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىدىن كەلگەن. ئابدۇللا ئوبۇلھاشىم ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە بەك قىينىلىپ ياردەمسىز قالغاندا، شۇ جايدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئۇنى قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، سېخىيلىق بىلەن خالىس ياردەم قىلغاچقا، ئۇ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتەلىگەن؛ بۇ ئىللىقلىق نەنچاڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن كەلگەن، ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ ۋە ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇرۇپ بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا نەنچاڭغا ماكانلىشىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان شارائىت يارىتىپ بەرگەن، شۇنداقلا يەنە ئابدۇللا ئوبۇلھاشىمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تىرەك بولغان؛ بۇ ئىللىقلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جياڭشىدا تۇرۇشلۇق شىنجاڭلىق ئىشلەمچى ۋە تىجارەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش – باشقۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن كەلگەن، ئۇلار ئابدۇللا ئوبۇلھاشىمنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ئەقىل كۆرسەتكەچكە، ئابدۇللا ئوبۇلھاشىم كۈچلۈك يۆلەنچۈككە ئىگە بولغان. ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇشۇنداق ئىللىقلىقى بولغاچقا، ئابدۇللا ئوبۇلھاشىم ئىگىلىك تىكلەيدىغان جاسارەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئېرىشىپ، ھازىرقىدەك بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلىدى.

     ئەمەلىيەتتە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېنەن، جېجياڭ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭدا... بۇنداق ھېكايىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك سۆزلىنىپ تۇرىدۇ. ھازىر ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان، خىزمەت قىلىۋاتقان، ئوقۇۋاتقان كۈرمىڭلىغان شىنجاڭلىقلار بار، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە، ئوخشاش بولمىغان مەھەللىلەردە ياشاۋاتىدۇ. لېكىن مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، ئادەم سانى قانچىلىك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ جايدىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى، زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە خالىس ياردىمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ.

     بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىز 56 مىللەتنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشاپ، بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىناق ياشاپ، بىرلىشىپ ھەمدەم بولغاندىلا، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ھەممىمىز بەختلىك ياشاپ، ئىللىقلىق ھېس قىلىپ، ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئىگە بولىمىز، كەلگۈسىنى ۋە ئۈمىدنى كۆرەلەيمىز.

     ئىللىقلىقنى ھېس قىلالايدىغان كىشى ئۇنى ئېھتىياجلىق كىشىگە يەتكۈزەلەيدۇ. ئابدۇللا ئوبۇلھاشىمنىڭ رېستورانىنىڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان تېمىغا ‹‹56 مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى›› دېگەن تەشۋىقات رەسىمى ئېسىلغان، ھەر بىر ئۈستەلگە ‹‹مىللىي بىلىمگە دائىر كىچىك ئوقۇشلۇق›› قويۇلغان بولۇپ، بۇ رېستوران مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆزنىكىگە ئايلانغان؛ ئابدۇللا ئوبۇلھاشىمنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئامما، ياشانغان ئىگە – چاقىسىزلار ۋە مېيىپلەردىن ھال سورىشى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قولىدىن كېلىشىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىغا جاۋاب قايتۇرغانلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نېمىنىڭ مىننەتدارلىقنى بىلىش، جاۋاب قايتۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

     بىز ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەممە كىشىنىڭ ئابدۇللا ئوبۇلھاشىمغا ئوخشاش ‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماي››، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىشىنى؛ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىنى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئاكتىپ ھىمايە قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق قوغدىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.