مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    گۈزەل يۇرت ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

    گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى بىرلىكتە قوغدايلى

    ئامانگۈل2017-06-06 11:49:57شىنجاڭ گېزىتى تورى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار، سىستېمىلاردىكى خادىملار داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

     گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار، سىستېمىلاردىكى خادىملار مەزمۇننى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئارقا- ئارقىدىن يۇقىرى دولقۇن قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق دۈشمەن كۈچكە جەڭ ئېلان قىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى بىرلىكتە قوغدايمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى: گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى بىرلىكتە قوغدايمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا ھەرقايسى ساھەدىكى ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر ئايال ۋەكىللەرنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئوخشاشمىغان مىللەتتىن بولغان 14 مۇتەخەسسىس، «مېھرىبان ئانىلار» ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت پىرىنسىپاللىق مەسىلىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى ۋە ۋەدە بەردى.

     شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ئايشەم روزى مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر مىللەت ئىستۇدېنتلاردا «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزىمەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللار ئائىلىدە ئانا، خوتۇن، قىز بولۇشتەك ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەرزەنتلەرنى ئىلمىي تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۆز- ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، ئېتىقادى مۇستەھكەم دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى: ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق دۈشمەن كۈچكە جەڭ ئېلان قىلىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە ۋەدە بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق دۈشمەن كۈچكە جەڭ ئېلان قىلدى.

     مۇراسىمدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۈەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىتتىپاق خىزمىتى كادىرلىرىنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، ھەققانىيەت ساداسى ۋە ياشلارغا خاس ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەشكە چاقىردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەتجان داۋۇت مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە ئىشلىرىغا قەتئىي سادىق بولۇشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى: ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش نىشانغا يېتىشكە كۈچ قوشىمىز

     يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، بەس- بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، تەسىرات ۋە ئىمزالىق ماقالە يېزىش، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش قەسىمى بېرىشكە تەشكىللىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى رامىلە ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتىسىيە بىلدۈرۈپ، ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىقنى قوغدايمەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتناش قۇرۇلۇشچىلىرى ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇل بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بارلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار: بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتى باشقارمىسى يېقىندا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 20 نەچچە پارتىيەلىك كادىر بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇش توغرىسىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى قاسىم توختى مۇنداق دېدى: دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنى بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىمەن.

     كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلار، دوست- بۇرادەرلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشۇشقا پائال تەربىيەلەيمىز ۋە يېتەكلەيمىز.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى بىر قىسىم پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى تەشكىللەپ يىغىن ئېچىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى كۈچەپ پاش قىلدى ۋە تەنقىدلىدى. ئوخشاشمىغان كەسىپلەردىن كەلگەن 10 كارخانا مەسئۇللىرى ۋەكىلى يىغىندا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

     شىنجاڭ «قۇتيار» يېمەكلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مۇختەر ياسىن مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇقىم ۋە ئىناق مۇھىت بولمىغان بولسا، كارخانىمىزنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرى بولمايتتى، بىز چوقۇم ئاڭلىق ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى رەيھان يۈسۈپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا خادىملىرىنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا مەردانىلىق بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

     قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى: «ئۈچ خىل كۈچ»كە جەڭ ئېلان قىلىش كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىمىز

     قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتىسيە بىلدۈرۈش قەسەمياد پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، دۈشمەنگە جەڭ ئېلان قىلىش ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

     قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى توغرا سوتسىيالىسىتىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا قەدىمى، يۈكسەك مەقسىتى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

     قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي- قانۇن ئىنستىتۇتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مەمەتزۇنۇن ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە قارش كۈرەشتە سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە ھوشيارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى بەرپا قىلىمەن.

     ساۋەن ناھىيەسى: «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز

     ساۋەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما 5- ئاينىڭ 29- كۈنى بەس- بەستە ۋەدىنامە ئىمزالاپ، كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

     ساۋەن ناھىيەسى ئۇلانئۇس بازىرى سەنگۇڭدىيەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇردى ئەلى نىزامىدىن مۇنداق دېدى: «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، خەتەرلىك پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ھالقىلىق پەيتتە ئالدىدا ماڭالايدىغان، ھايات- ماماتلىق پەيتتە جاندىن كېچەلەيدىغان باشلامچىلاردىن بولىمەن.

     كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىمىز.

      (مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، لۇ فېڭباۋ، جاۋ شىيا، مېھرىگۈل ناسىر، لى لىن، دۇڭ شاۋخۇا)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.