مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    گۈزەل يۇرت ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

    باش نىشاننى كۆزلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولايلى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-06-05 10:54:54شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ھاسەنبېك تۇردى

     يېقىندا يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مېنىمۇ چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

     مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، ئادەتتىكى كادىردىن تەدرىجىي ھالدا مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولدۇم. مەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك ياردىمى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك گۈللەنگەن، راۋاجلانغان شىنجاڭ بولمايدىغانلىقى؛ پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمنىڭمۇ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھازىر شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، بىز ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىمىز ۋە سەپەرۋەر قىلىشىمىز كېرەك.

     پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىرادەمنى بوشاشتۇرماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن. پېنسىيەگە چىققان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا قارارلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئاپتونوم رايون قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىگە كۈچلۈك زەربە بېرىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقىنى قاتتىق تىزگىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەت قاتلىمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

     پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىرادەمنى بوشاشتۇرماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيەۋى ئاساسى ئەسەبىيلىك››، دەپ كۆرسەتتى. بىز جايلاردا يۈز بەرگەن تۈرلۈك زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئادەم توپلاش، پىلانلاش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى سادىر قىلىشنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلارنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى ۋە ھىيلە – مىكرى مىللەت، دىن قالپىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاممىنىڭ مىللەت، دىن توغرىسىدىكى ساددا ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، تەپتارتماستىن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىش. بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك.

     پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىرادەمنى بوشاشتۇرماي، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىمەن. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچىلىق رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەممىنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى سەپەرۋەر قىلىشقا بولىدىغانلىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ ۋە قوزغىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەيدانىمىز ۋە قەلب سادايىمىزنى باتۇرلۇق بىلەن ئىپادىلەيمەن.

     پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىرادەمنى بوشاشتۇرماي، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. پارتىيە بىزنى شۇنچە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، ۋەتەن ۋە خەلق بىزگە ئىشىنىدۇ، بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھەر مىللەت ئاممىسىغا: دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە›› نەگە تارقالسا، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىنچلىقى، بەختىدىن سۆز ئېچىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئىتتىپاقلىشىپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ھاياتلىقنى، ئىززەت – ئابرۇينى، ئىنسانىيەت ئەخلاقى ۋە قانۇن تۆۋەن چېكىنى دەپسەندە قىلىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك! ساداقىتىمىز، پاكلىقىمىز ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىمىز ئارقىلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

     پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىرادەمنى بوشاشتۇرماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. بىز پېنسىيەگە چىققان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلىرى ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۇ ھاياتلىق مەنبەسىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹بەشنى تونۇش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، بەخت ۋە خاتىرجەملىك كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە بولالايدۇ.

     پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىرادەمنى بوشاشتۇرماي، تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەن. پېنسىيەگە چىققان ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى داغدۇغىلىق ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى يولداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئالتىنى ياخشى تۇتۇش، بەشنى باشقۇرۇش، تۆت ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››تىن ئىبارەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر سەگەك بولۇپ، تونۇشۇمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پوزىتسىيەمنى چىڭىتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.