مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    گۈزەل يۇرت ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

    پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقايلى

    ئامانگۈل2017-06-04 11:48:10شىنجاڭ گېزىتى تورى

    تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى توختى ئەخمەت

     يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە سادىق بولۇش ساداسى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسى ئىپادىلەنگەن.

     ھازىر، بىز ئۇلۇغ ھەم شانلىق دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، شىنجاڭ تېپىلغۇسىز سىياسەت پۇرسىتى ۋە چەكسىز كەڭ تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە يۈزلەنمەكتە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىز ھەر قانداق مەزگىلگە قارىغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇقىملىققا، تەرەققىياتقا، ئىناقلىققا ئىنتىلىش ئارزۇسىمۇ بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا. لېكىن، «ئۈچ خىل كۈچ» يامان نىيىتىدىن يانماي، بىزنىڭ ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىزنى خالىمىدى. بىر قاتار تېررورلۇق، زوراۋانلىق دېلولىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ قەبىھ، غالجىرانە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەپت- بەشىرىسى ۋە ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ۋەھشىي ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىنىدە پەيدا بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، ئۇنى تەلتۆكۈس يوقاتمىساق مىللىتىمىزدە ئۈمىد قالمايدۇ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەلمەيمىز!

     مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، مېنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت ماكانغا چوڭقۇر مېھرىم بار. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مېھىر- شەپقىتىگە ئېرىشتىم، ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر قاتار ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇم. 1980- يىلى بەختكە يارىشا نەنجىڭ خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم ھەم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەنزۇ تىلى ئۆگەندىم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق سىستېمىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم. مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، مېنىڭ ھازىرقى كۈنۈم بولمىغان بولاتتى. پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا ياخشى ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى، ئالىي تەربىيە ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، مېنى دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈردى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا ئىقتىدارىمنى نامايان قىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، كۆپ يىللاردىن بۇيان مېنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ ۋە ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ، قابىلىيىتىمنى نامايان قىلىپ، رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشىمغا شارائىت يارىتىپ بەردى. مېنىڭ بارلىقىمنى پارتىيە ۋە دۆلەت بەرگەن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئېيتىپ تۈگىتەلمەيمەن.

     بىز پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار ھازىرقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى سىنىقى ئالدىدا، ئۆزىمىزنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى»مىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇ بولسىمۇ پارتىيە ۋە خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، پارتىيەگە كىرگەندە قىلغان قەسىمىمنى ھەر ۋاقىت ئەستە مەھكەم ساقلايمەن ۋە ئۇنى ئادا قىلىمەن، غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە مۇتلەق سادىق بولۇش ئۈلگىلىرىدىن، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈلگىلىرىدىن، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ئۈلگىلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشقا تىرىشىپ، قەتئىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلمايمەن! ھەرگىز قورقۇنچاقلىق قىلمايمەن! ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمەن! ھەرگىز يول قويمايمەن!

     ھازىرقى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ھالقىلىق مەزگىلدە، بىز ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىر نىيەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، سۇ باشقۇرۇش ئوي- پىكرىمىزنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز كېرەك. ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىز دەريا ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مەسىلىلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلققە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شەپقىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايدىغان پولات سېپىلنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.