مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    مۇھاجىرلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايلى

    ئامانگۈل2017-04-25 10:41:12شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھاجىرلار ئىشلىرى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› بويىچە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

      ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹مۇھاجىرلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايلى›› باش تېما قىلىنغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھاجىرلار ئىشلىرى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› بويىچە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۆھبەت يىغىنى 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى ساھەسىدىكىلەر، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلارنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، ھەر دەرىجىلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرلىرى ۋە مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 120 كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى ۋە تەنقىد قىلدى. ئون ۋەكىل چەت ئەلدىكى خىزمىتى ۋە تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن بايان قىلىپ، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس، قازاق مۇھاجىرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەكىلى سەكرۇقان چويا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى مۇھاجىرلار ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئامما كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل نىيىتى ۋە ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى قەيسىرانە كۈرەش قىلىشى كېرەك. ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار پەرزەنتلىرى ھەر قانداق بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايمىز. بىز باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مۇھاجىرلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، ھەر مىللەت مۇھاجىرلار ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز.

     سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھاجىرلار ئىشلىرى ساھەسىدىكى زاتلار ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن پائالىيەتكە قاتناشتى. شاۋكەت ئىمىن ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار پەرزەنتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرىكىدەكلا قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىك رولىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.