مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەرلەر

    شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

    پەرغانە غوپۇر2017-04-23 14:50:36شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن

        يېقىندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندىم، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» قاتارلىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ماقالىلەرنى ئوقۇدۇم ھەم چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدۈم.

        1. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى

        باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە باش شۇجىنىڭ خەلقپەرۋەر داھىيلىق سالاپىتى، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بولغان گۈزەل تىلىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدى تولۇق نامايان قىلىندى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك، ئۇنىڭدا بىر قاتار زور نەزەرىيەۋى كۆز قاراش، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى بېيىتىلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى، بۇ مۇھىم سۆز كۈچلۈك سىياسىيۋىلىك، ئىدىيەۋىلىك، يېتەكچىلىك، قاراتمىلىققا ئىگە، بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قىبلىنەماسى، يول كۆرسەتكۈچىسى، تېزلەتكۈچىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

        باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە، ئاچقۇچ − سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، توغرا ئىگىلەشتە. بىرىنچىدىن، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى توغرىسىدىكى چوڭقۇر بايانىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ئالاھىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بىز ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شىنجاڭنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ شۇجى چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پوزىتسىيەسى قەتئىي، تەدبىرى كۈچلۈك، قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى − بىزگە نىسبەتەن ئىلھام ھەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەدەت ھەم تۈرتكە. ئۈچىنچىدىن، باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ۋە بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەت ۋە شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى پۈتۈنلەي توغرا، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىز بۇ مۇھىم سۆزنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

        2. باش نىشاندىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك

        باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاچقۇچ − شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقىنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش سېپىلى ۋە پولات ئىستىھكامى ھاسىل قىلىشتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي- جايلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار خىزمەت تەلەپلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى. بۇ مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقىرىلغان زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرما. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى بۇ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

        پارتىيە ئۇزاق مۇددەت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭ زېمىنىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، شىنجاڭنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى تەرەققىياتى، كەڭ كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش قىلىشى بولمىغان بولاتتى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئاسايىشلىقى ۋە بەختىيار تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ۋەتەننى سۆيىدىغان، چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست مىللەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئىدىيەۋى ئاساس، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ئاساسىي ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، تەپتارتماستىن بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى − شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدىن ئايرىۋېتىش. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل قىلمىشى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيىتىگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ رېئال، ئەڭ بىۋاسىتە ئېغىر خەۋپكە ئايلاندى. ئۇلار دۆلەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، مىللەتنىڭ خائىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بۇ يەردە، شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە، قىلچە مۈجمەل بولمايمەن، قىلچە مۇرەسسە قىلمايمەن، قىلچە يول قويمايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!

        شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە خەلق ماڭا بەرگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرىمەن. ھەقىقىي تۈردە ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، ھايات- ماماتلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان نەمۇنىچىلاردىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايدىغان سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن ۋە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولىمەن. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمەن.

        3. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ۋە مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك

        خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇھىم سىياسىي ئورگان، ئۇلار دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىش جەھەتتە باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. بىز باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ھەقىقىي نامايان قىلىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. باش نىشان يېتەكچى، بايراق، يۆنىلىش دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشان ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى چۆرىدەپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى قانۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادىل، باراۋەر قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىپ، كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

        بىرىنچى، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تەدبىرلىرىدىكى نىزام چىقىرىش ئېھتىياجىنى چوڭقۇر تەھلىل، تەتقىق قىلىپ، چېگرا باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، مۇھىت باشقۇرۇش، شەھەر- بازارلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، يېزا- كەنت ئاساسىي قاتلاملىرىنى باشقۇرۇش، دىنىي سورۇن ۋە دىنىي خادىملارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەدە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

        ئىككىنچى، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. قىلغان ئىشتىن چوقۇم نەتىجە قازىنىش روھى بىلەن، «ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر ، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى قوشۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

        ئۈچىنچى، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ۋەكىللەر خىزمىتى، كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش ۋە نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» ۋە «شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىدا <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقىنى قوغداش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش بىلەن قانۇن بويىچە تەيىنلەش- قالدۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە پارتىيە تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلغان نامزاتلارنى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملاردىن قىلىشقا ماھىر بولۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇستەھكەم تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى قاتتىق چىڭىتىپ، يېڭى نۆۋەتلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

        تۆتىنچى، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي قائىدە ۋە سىياسىي ئىنتىزام، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىنتىزامىنى قاتتىق چىڭىتىش كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزىنى چەتتە قالدۇرماي، فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» قاتارلىق ناچار ئىستىلنى قەتئىي تۈگىتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ياخشى ئىستىل بىلەن، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

        شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە ئورتاق غەزەپ- نەپرەت ياغدۇرساق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.