مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەرلەر

    پارتىيە ۋە ۋەتەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈپ بەخت–سائادىتى

    ئامانگۈل2017-04-16 15:36:16شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەركىن تۇرسۇن

     ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەزەلدىن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. پارتىيە بىزنىڭ ئانىمىز، ۋەتەن بىزنىڭ يۇرت – ماكانىمىز، ئانىمىز ۋە يۇرت – ماكانىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىز. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھەر مىللەت كىشىلىرى بىللە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلدۇق، كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئېجىل – ئىناق ئۆتتۇق. بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىگە ئېرىشتۇق. شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، ۋەتەن قوينىدا بولغاچقىلا، مۇشۇنداق بەختكە ئېرىشەلىدۇق، پارتىيە ۋە ۋەتەن مىللىتىمىزگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى، پارتىيە ۋە ۋەتەن مىللىتىمىزنىڭ بەخت – سائادىتى.

     ئانىغا ئازار بېرىپ، يۇرت – ماكانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرقانداق مىللەت قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان رەزىل قىلمىش. مىللىتىمىز ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە مىللەت، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان مىللەت، تېخىمۇ مۇھىمى، ئانا ۋەتەنگە تولۇپ تاشقان ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان مىللەت. ھەقىقەت شۇنى شەكسىز ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكىدىلا، بىز ئۇيغۇرلار قەددىمىزنى رۇسلاپ، كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزەلەيمىز؛ ۋەتىنىمىز گۈللىنىپ قۇدرەت تاپسا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىناق، مۇقىم بولسا، بىز مىللىي قېرىنداشلارنىڭ كىچىك ئائىلىسى ئىللىقلىققا، ئاسايىشلىققا تولىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دۆلەتنى پارچىلاش رەزىل نىيىتىدىن يانماي، قەبىھ، غالجىرانە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل قىياپىتىنى ۋە ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى قەبىھ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە زىت، ئانا ۋەتەنگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، ئورتاق يۇرت – ماكانىمىزنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىق، بۇنىڭغا ھەرقانداق مىللەت تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مۇناپىقلار، ئەشەددىي دۈشمەن، ئۇلار تارقاتقان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش، قوبۇل قىلىشىمىزغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئاتلىنىش مۇساپىمىزغا توسالغۇ بولدى، مىللىتىمىزنى خەتەرلىك يار لېۋىگە ئاپىرىپ قويدى. ئەجدادلىرىمىز بىزگە ‹‹ئىززەت – ئابرۇيۇڭ ئۆز قولۇڭدا›› دەپ تەلىم بەرگەن. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، دەرھال ھوشىمىزنى تېپىپ، مىللىي مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، باتۇر ۋە قەيسەر بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

     بىز چوقۇم بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، بارلىق تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، قەتئىي بىپەرۋالىق قىلماي، بۇلاق سۈيىدەك ساپ پارتىيەۋىلىكىمىزنى ساقلاپ، قەتئىي ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن بولماسلىقىمىز؛ زوراۋان – تېررورچىلارغا يولۇققاندا چوقۇم ئۆزىمىزنى پارتىيە، ۋەتەنگە بېغىشلاپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشىمىز؛ بىر كىشى بىر بايراق، بىر جەڭچى بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، خىزمەت پىروگراممىمىز ۋە ھەرىكەت قىبلىنەمامىزغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە بايرىقىمىزنى روشەن، سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەن مۇناپىقلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي قوغدىشىمىز؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت يولداشلار بىلەن دوستلىشىپ، سىردىشىپ، ئىناق بىللە ياشاش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ‹‹تۆت خاھىش››نى قەتئىي چەكلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۇنتۇغان ھالدا كېچە – كۈندۈز ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش غەيرىتىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ ئۈمىدىنى، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.