مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەرلەر

    ھەر مىللەت ئوغۇل–قىزلىرى ئورتاق قوغداۋاتقان شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن

    ئامانگۈل2017-04-14 11:29:27شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر دولقۇن توختى

     مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاددىي پارتىيە ئەزاسى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، ئۆسۈپ يېتىلىش يولۇمدا پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنى بارغانسېرى ياخشى قۇرۇپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەت ئومۇمىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى›› دېگەن مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، دۆلەت يولغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەملەر تاشلىنىپ، كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا رەڭدار مېلودىيە ياڭرىتىلدى.

     ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىغا نەزەر سالساق، يېڭى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئەڭ ياخشى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ، بىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىمىز ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭغاندا، شۇنداقلا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ھازىرقى گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ۋەزىيەتنى ساقلاپ قالالايدۇ ۋە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ.

     ئەمما ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ يۇرت – ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن غەرەزلىك پىلانلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە غايەت زور زىيان سېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە››گە ئايلاندى. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. يېقىندا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قەلب ساداسىنى ياڭرىتىپ، مۇستەھكەم غايە – ئېتىقادى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە قارارىنى بىلدۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كەڭ ئىدىيەۋى ئورتاقلىق شەكىللەندۈردى.

     ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن باشتىن – ئاخىر ئايرىلالمايدۇ. مەن ھەر ۋاقىت تولۇپ – تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن؛ ‹‹باش نىشان››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمىتىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىم روشەن ھالدا قەتئىي قارشى تۇرىمەن؛ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قەتئىي، تەلتۆكۈس سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن؛ كومىتېتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كونكرېت ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ مۇقىملىققا، خەلق تۇرمۇشىغا، تەرەققىياتقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دىنلار ئىناقلىقىغا، مۇھىتنى قوغداشقا، چېگرا باشقۇرۇشقا، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىم ۋە سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن؛ چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 2017 – يىلى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %50 ئاشۇرۇش نىشان – ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئورۇنداپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.