مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈپ

    بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ چىقايلى

    ئامانگۈل2017-04-13 11:10:10شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى خىزمىتى ئۈستىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى

     مېھرىگۈل غوپۇر، لۇ فېڭباۋ، ياڭ شۇخەن، جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئىللىق قۇياش نۇرى يەر – جاھانغا ئىللىق نۇرىنى چاچقانىدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى نەمۇنىچىلىرىنىڭ 120 نەچچە ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشتى.

     بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 مىللەت ۋەكىلىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە جەم بولۇشى بولۇپ، شادلىق ھېسسىياتى ھەر بىرەيلەننىڭ چېھرىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ھەر مىللەت ۋەكىللىرى ئېسىل ۋە چىرايلىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىشكەن، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار ئارىسىدىكى 40 ۋەكىل قىزىل لېنتا ئاسقان بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى.

     كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، كەڭ – كۇشادە سۆھبەتلىشىپ، بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي خىزمىتىمىز، تۇرمۇشىمىزغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، گۈللىنىش – تەرەققىياتنى بىرلىكتە پىلانلاپ، گۈزەل يۇرت ماكانىمىزنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

     توقسۇن ناھىيەسىنىڭ توقسۇن بازىرى يىڭچۈەن مەھەللىسى ئاھالىسى خالىق مەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن ئېلىمىزدىكى كۆپ مىللەت بىرلىكتە ياشاپ كېلىۋاتقان ماكان، بۇ مۇنبەت زېمىندا ھەر مىللەت قېرىنداشلار قويۇق ئالاقىلىشىپ، بىر – بىرىگە تايىنىپ ياشاپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقتى. جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مىللەتلىك ئائىلە، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەئەينى ھاۋا بىلەن سۇدەك تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى.

     ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە جەم بولدۇق، بۇ بىر قېتىملىق كاتتا ‹‹مەرىكە››، ئەتراپىمدا يەنە نۇرغۇن ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىم كۆپەيدى، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ، بىر – بىرىنى چۈشەندى، ئارىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن بولساقمۇ، بىراق خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك شۇنچە يېقىن سىردىشىپ، چىن سۆزلەرنى دېيىشىپ، گېپىمىز تۈگىمەي قالدى.

     شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى زېڭ خېپىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىپ، ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر بىرەيلەننىڭ قان – قېنىغا، شۇنداقلا خىزمەت، تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغىچە سىڭىپ كەتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىدا ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك.

     سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق قىزىل كىرېست راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۇ يۈچىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قوشنا بولۇپ ئۆتۈشى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىشلىشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى تۇرمۇشتىكى نورمال ئىش، شىنجاڭدىكى كىشىنى شادلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، شۇنداقلا ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جان تومۇرىنى كۈچلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

     يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى ‹‹قوش تىل›› مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەسقەرجان مەمەت مۇنداق دېدى: مېنىڭ خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەتلەردىن ساۋاقداشلىرىم، كەسىپداشلىرىم ۋە دوستلىرىم بار، تۇرمۇشتا بىر – بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، قارشى تەرەپنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆز ئارا ياردەم بېرىمىز. شىنجاڭ ياخشى جاي، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، مۇقىملىقى، ئىناقلىقى ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئىشنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

     شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتۇتى ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شۇڭقار نازىربېگ رادىيودىن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: زامانىمىزدىكى ئىستۇدېنت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار ئارا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئەپۇچان بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، كۆپرەك ئالاقىلىشىپ ۋە پىكىرلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى سەيپىدىن ئىمىرەمزە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇغا ئوخشاش بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ ۋە نەمۇنە بولۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قەلبداش بولۇپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولساقلا شىنجاڭنىڭ كېلەچىكى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

     شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئىدارىسىنىڭ باي ناھىيەسىنىڭ ياقا ئېرىق بازىرى لەنگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئابلەت ساتتار مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس، ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق – بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا چىن، سەمىمىي ۋە ھەقىقىي مۇھەببىتىم بىلەن ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن كەنت ئاھالىسىگە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەت، شۇنداقلا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.