مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىم خەۋەر

    بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەيلى

    ئامانگۈل2017-04-13 10:48:32

     گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

     مۇھەببەت – نەپرىتىمىز ئېنىق بولۇشى، ياخشى ئىشلارنى چەكسىز قەدىرلەپ، ناچار ئىللەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، ئۇلار پارتىيەگە ئالا كۆڭۈللۈك، ھەر مىللەت ئاممىغا ساختىپەزلىك قىلىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئۆتكۈر شەمشىرىمىزنى ئوينىتىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشىمىز كېرەك.

      ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئىچكى سەۋەبتىن قارىغاندا، بىر تەرەپتىن، بەزى پارتىيەلىك كادىرلار غايە ۋە ئېتىقاد جەھەتتە تەۋرىنىپ قالغان، ئۇلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشى كەمچىل، ئىنتىزام ئېڭى ئاجىز بولغاچقا، ئۇلاردا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹باش ۋېكليۇچاتېل››دىن مەسىلە چىققان. يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى قاتلاممۇ قاتلام ‹‹ئاجىزلىشىپ››، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشقا، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. تاشقى سەۋەبتىن قارىغاندا، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھېيلە – نەيرەڭلىرىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ، جان – جەھلى بىلەن زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئاق – قارىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، ھەق – ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاممىنى بىزدىن تالىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەيدانىنى ئالاھىدە مۇستەھكەم، كاللىسىنى ئالاھىدە سەگەك، كۆزىنى ئالاھىدە ئۆتكۈر قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە مەردانىلىك بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بۇ ‹‹قارا قول››لارنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىشى كېرەك.

     ئىنتىزام ۋە قائىدىنى قاتتىق چىڭىتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىش كېرەك. 2016 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 796نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بۇ، ئىنتىزام جەھەتتە ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ، تەلەپنى تۆۋەنلىتىشنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يادرونى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە سىياسىي مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم ياكى مۇستەھكەم ئەمەسلىكىگە، مىللەت قارىشىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان – قوغدىمايدىغانلىقىغا، بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان – تۇرمايدىغانلىقىغا، مۇقىملىقنى قوغداشتا دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان – قىلالمايدىغانلىقىغا نۇقتىلىق قاراش كېرەك. مەيلى كىم ياكى قايسى دەرىجىلىك كادىر بولسۇن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك تەرەپدارى بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن بولغان، ھەتتا بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز – بۇرۇن يالاشقان بولسا، بايقالغان ھامان قاتتىق تەكشۈرۈپ، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك.

     پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› لەرگە پاناھ جاي قويماسلىقى كېرەك. 3 – ئاينىڭ 26 – كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ: ‹‹زوراۋانلىق – تېررورلۇقنى يوقاتمىساق، خوتەندە تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق بولمايدۇ، ئامما بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ؛ <ئىككى يۈزلىمىچى>لەرگە زەربە بەرمىسەك، ئاممىنى قوزغىغىلى، مۇقىملىقنى ئۇزاققىچە قوغدىغىلى بولمايدۇ؛ پەردە ئارقىسىدىكى <قارا قول>لارنى قېزىپ چىقمىساق، خەۋپ – خەتەرنى تۈگەتكىلى، جەمئىيەتنى ماھىيەتتىن تۈزىگىلى بولمايدۇ›› دېدى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، تەشكىلگە، يولداشلارغا سادىق ئېتىقاد، سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە كەڭ قورساقلىق، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىلىدىغان ئەھۋاللارنى پارتىيەگە ئەينەن ئىنكاس ۋە دوكلات قىلىپ، ئۆزىنىڭ قارىشى ۋە پوزىتسىيەسىنى يوشۇرماي، بىلىدىغاننىڭ ھەممىنى قالدۇرماي ئېيتىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى، پارتىيەۋىلىككە زىت سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى، بىر چەتتە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقى تېخىمۇ روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، ئاممىغا بولغان ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئالدامچىلىق، قايمۇقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دۇرۇس ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىشى، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش تەربىيەسى بېرىشى ۋە ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك.

     خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىنى ھاسىل قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماسلىق كېرەك. خەلق ئۇرۇشى قىلىش ئەزەلدىنلا پارتىيەمىزنىڭ يېڭىلمەس ئەڭگۈشتەرى، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاخىرقى تەلتۆكۈس غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. ھازىر قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھادىسىدىن ماھىيەتكە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، نۇقتىدىن ئومۇمىي دائىرىگە ئۆتتى، ‹‹قاپقاقنى ئېچىش، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى قېزىش››، ئامما پاش قىلىش نەتىجىسىدە، چوڭقۇر قېزىشنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، كادىرلار، دىنىي زاتلار، سودىگەرلەر ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇ، ھەر مىللەت خەلق ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا قارشى باتۇرلارچە كۈرەش قىلىدىغانلا بولسا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى تۈگىمەس ئىجتىمائىي ياردەمچى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي ۋە قاچىدىغان يول قالمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز كېرەككى، بەزى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولغاچقا، كىشى ئاسانلا ئالدىنىپ ۋە قايمۇقۇپ قالىدۇ. ‹‹مىڭ توخۇ يۈرەكتىن بىر ئەزىمەت ئەلا››، رەزىللىك ھەققانىيەتتىن ئەڭ قورقىدۇ. شۇڭا ھەر مىللەت ئامما كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى زوراۋان – تېررورچىلارغا ئوخشاش ‹‹كوچىدا ئۇر – ئۇرغا قالغان چاشقان››غا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ پايانسىز دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىشى كېرەك.

     ئىنتىزام ئەڭ ياخشى ‹‹جاھاننامە ئەينىكى››، خەلق ئاممىسى ئەڭ ئاخىرقى باھالىغۇچى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر قانچە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان تەقدىردىمۇ، قانۇننىڭ جازاسى، ئاممىنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارنى ھامان قانۇن ۋە ئادالەت سوتى كۈتۈپ تۇرىدۇ. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.