مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈپ

    ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيلى

    ئامانگۈل2017-04-13 11:08:58شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مۇراجىئەتنامە چىقاردى

      مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن 56 مىللەت ۋەكىللىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئورتاق ئىپادىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تەشەببۇسنامە چىقاردى.

     تەشەببۇسنامىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەم قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچەپ غەمخورلۇق قىلىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە تۈرلۈك ئىشلىرىدا دىققەت قوزغايدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شەھەر – يېزا قىياپىتى، خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

     تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئازسانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن، نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىش ئارقىلىق چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارازلىقنى تۈگىتىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر – بىرىدىن ئايرىلالماسلىق، ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشتەك قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

     تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، دۈشمەنگە كۈچلۈك غەزەپ – نەپرەت ياغدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىقىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەر ۋە ئىشلارنى پائال پاش قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ دولقۇنلىرىغا غەرق قىلىپ، ئۇلارغا ھېچقانداق يوشۇرۇنغۇدەك ۋە قاچىدىغان جاي قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.