مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەرلەر

    ئېتىقادى مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان ئۇيغۇر كادىرلاردىن بولۇشىمىز كېرەك

    ئامانگۈل2017-04-12 12:18:12شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ئوسمان

     ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تىكى سۆزلەر ئاددىي، ئەمما ئۆتكۈر بولۇپ، چوڭقۇر ۋە قىزغىن ھېسسىيات بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان سەمىمىي سادىقلىق ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ يۈرەك ساداسى سۆزلەنگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش كۈچلۈك ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

     شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەر مىللەت خەلق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ تىرىكچىلىك قىلغان جاي. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، سەپسەتە تارقىتىپ، كۆپ قېتىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلدى. قانلىق پاكىت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن ئىبارەت جىنايەتچى ئۇنسۇرلار جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ قىلغىنى جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل زوراۋانلىق، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرىشىمىز مىللىي مەسىلىمۇ، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يولىدىكى سىياسىي كۈرەش، مۇرەسسە قىلىشقا مۇتلەق ئىمكانىيەت يوق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئۈمىد – ئارزۇسى، ئۇنى ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. ۋەتەننى پارچىلايدىغان، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق جىنايى ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىز ياخشى بولمايدۇ، جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ، چوقۇم يوقىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى پەقەت ئۆزىنى چاغلىمىغانلىق، ئۆزىنى ھالاكەتكە دۇچار قىلغانلىق.

     پارتىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 19 قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرنىڭ خالىس ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھامان شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولىدىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقى مۇقەررەر! مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۆگىنىش ئۈلگىسى ۋە ھەرىكەت ئۈلگىسى قىلىپ، ئۇنىڭ مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى، ئەمەلىي ئىشلەشتەك خىزمەت ئىستىلى، سەمىمىي مىللىي ھېسسىياتى، روشەن ھەق – ناھەق ئۆلچىمى، سەمىمىيلىك بىلەن خەلققە كۆيۈنۈش روھىدىن ئۆگىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن! مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمەن! تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن كونكرېت خىزمەتلەرگە داۋاملىق ئاتلىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمەن.

     سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشىمىز كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىرلىككە كەلگەن، ئىچى – تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر››گە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەگە، تەشكىلگە باشتىن – ئاخىر سادىق بولۇشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانىدىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي، كەم – كوتسىز ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك.

     ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرى بولۇشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن بېكىتىپ بەرگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىشىمىز؛ يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى داۋاملىق چېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇستەسنا رايون، مۇستەسنا ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز؛ كۆپ خىل تەدبىر، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ مەسئۇلىيىتى بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇچىلىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاستىغا قويۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇچىلىق نازارىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، مەسىلە چىقماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش››نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك! ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

     مىللىي رايونلاردىكى ياخشى كادىرلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش››تەك ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى ياخشى كادىرلارنىڭ ‹‹چوڭ ھەق، چوڭ ناھەقنى ئايرىشتا مەيدانى ئېنىق بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى ئالاھىدە چىن بولۇش››تەك سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشىمىز؛ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇشىمىز؛ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىمىز؛ تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى ئاڭ جەھەتتە ئالدىدا مېڭىپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى دۇرۇس قىلىپ، سەمىمىي نىيەت بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىش قىلىپ، باشتىن – ئاخىر ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلمىي قىبلىنەماسى ۋە تۈپ مىزانى. مەن نازارىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، كەسىپكە ئىشتىياق باغلاپ، قەلب ۋە كۈچۈمنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، سۇچىلىق ساھەسىدىكى مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.