مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەرلەر

    ئويغىنىش ھەقىقەت، ئىتتىپاق بولغاندىلا كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ

    ئامانگۈل2017-04-12 15:16:31شىنجاڭ گېزىتى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر

     بۇ بىر قانچە كۈندە، كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› تور ۋە تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش كۈچلۈك ئارزۇسىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتەك قايناق ھېسسىياتىنى، شىنجاڭدىكى مىللىي كادىرلارنىڭ ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھىنى، مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ پارتىيەگە بولغان چەكسىز ساداقىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چەكسىز قەدىرلەشتەك سەمىمىي ھېسسىياتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئاددىي ھەم سەمىمىي ياڭراق ئاۋازى ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، دادىللىق بىلەن پارتىيە ۋە ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە سەمىمىي سادىق بولۇش ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى ئاڭلىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. مەن كۆپ يىل پارتىيە تەربىيەسىنى ئالغان بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئالدىدا مەيدانى ئېنىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتە ھەرىكىتى كەسكىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى چىن سەمىمىيىتى بىلەن سۆيگەنلىكىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن.

     شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇقىملىقتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› ۋەزىيىتىدە يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى يەنىلا شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپىسى، تەيشەن تېغىدىنمۇ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتى. ھازىرقى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ئالدىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش ھەر بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ جەزمەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيىتى، كادىرلارنىڭ ‹‹بەشنى تونۇش››، ‹‹تۆت ئاڭ››، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى.

     كۆپ يىل پارتىيە تەربىيەسىنى ئالغان بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن – ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي شۇنداق قارايمەنكى، ۋەتىنىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش – ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ ئاساسى. ھەر مىللەت خەلق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، دۆلەت گۈللىنىپ قۇدرەت تاپىدۇ، شەخسمۇ ئەتراپلىق يېتىلىدۇ؛ ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرسەكلا، ئىستىقبالىمىز بولىدۇ، كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىپ، تونۇش ئاساسىدا چىقارغان تاللىشى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىگە خىلاپ ۋە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ھاكىمىيىتىگە زىيان سالىدىغان، دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا زىيان يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ ئاساسى، بۇ ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىياسىي تۆۋەن چېكى، بۇنىڭدا قەتئىي تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

     ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل مىللەت، ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە شانلىق مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلىدە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان ۋە مەدھىيەلەيدىغان بىر ئەزاغا ئايلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان – تېررورچىلاردىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئىدىيەۋى ئاساس، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ئاساسىي ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسى، جۈملىدىن ‹‹جىھاد››نى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، تىنچ، كەڭ قورساق بولۇش، مېھرىبان بولۇش ئاساسىي ئەقىدىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بوغۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئېزىقتۇرۇپ، ئىسكەنجىگە ئېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ۋاسىتە قىلىپ، تېررورلۇق كەيپىياتى پەيدا قىلىشنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىپ، بۇ ئارقىلىق مىللەتنى، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئۇنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن – ئىشلىمىگەنلىككە باھا بېرىشتە ئاساسلىقى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانداق قىلغانلىقى، تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ساقلىغان – ساقلىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك›› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك. بۇ ھازىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش نىشانى›› دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە، ئۇيغۇر قېرىنداشلار جەزمەن كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رېئال زىيىنى ۋە يامان نىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى، دەۋرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەرگەن مۇقەددەس بۇرچ ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئۇيغۇر قېرىنداشلار جەزمەن پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان چەك – چېگرانى قەتئىي ئايرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

     پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھازىرقى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ، بولۇپمۇ شۇجى چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ئانالىزىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، توغرا ئىگىلەپ، ‹‹بىر باش نىشان››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىنى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشتى›› نى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئالتىنى ياخشى تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، ئۆزىنى چەتكە ئالماي، سىياسىيدا ‹‹ھاماقەت››لەردىن، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن بولماي، ئەمەلىي ئىستىلى ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسى ۋە پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

     ‹‹بىر ھاياتلىق لىنىيەسى››نى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى مەركىزىي شەھەر خىزمىتىگە سىڭدۈرۈشنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇشىمىز، مىللەتلەرنىڭ ئىناق، چىقىشىپ ئۆتۈش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدە زىچ ئۇيۇشۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك.

     ‹‹ئىككى ھالقىلىق نۇقتا››نى ئىگىلەش كېرەك. مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق مەيدانى ۋە كەسكىن پوزىتسىيە ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل سۇيىقەستىنى تولۇق تونۇشقا، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت›› دەيدىغان ھەقىقەتنى چوڭقۇر تونۇشقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قۇتراتقۇلۇقى، كۈشكۈرتۈشىنى ئاڭلىق چەكلەشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلققە كۈچلۈك تايىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلى شەكىللەندۈرۈپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايى پائالىيەتلىرىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ ئىناق، گۈزەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئەلرايىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئەل قەلبىنى ئۇتۇش كېرەك.

     ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى يۈكلەنگەن، بۇنىڭغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ، دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى كۈچلۈك ياڭرىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنىنى دەل جايىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلايلى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.