مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈپ

    قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    ئامانگۈل2017-04-12 12:11:55شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

    قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

     ئىلاۋە: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى، بولۇپمۇ، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۈگۈندىن باشلاپ ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› (پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش) باش تېما قىلىنغان پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. يۈرۈشلۈك پائالىيەت ‹‹بىر جان تومۇر›› ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ‹‹بەشنى تونۇش›› ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت خەلقنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغداشتىكى پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈندىن ئېتىبارەن، گېزىتىمىزدە يۈرۈشلۈك پائالىيەت توغرىسىدىكى خەۋەر – ماقالىلەر بېرىلىدۇ.

      مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى -تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنى 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 120 نەچچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا پىكىرلەشتى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە جەم بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

     بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغدايدىغان پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مەقسەت قىلىنغان ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› بويىچە پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەزمۇنىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ تۇنجىسى.

     ئىگىلىنىشىچە، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا ھازىر 56 مىللەت بار بولۇپ، ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىكى 13 مىللەتتىن بۈگۈنكى 56 مىللەتكە كېڭەيگەن. بۇ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى تولۇق نامايان قىلغان.

     سۆھبەت يىغىنىدا، ھەر مىللەتتىن بولغان 12 ۋەكىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتا، ئوخشاش بولمىغان جەھەتلەردىن سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىگە ئالاقىدار تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى چوقۇم باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى كۈچلۈك باشلامچى، ئىجرا قىلغۇچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاق – ئىناق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا مۇجەسسەملىشى كېرەك.

     شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شاڭخەي ‹‹ئاممىباب›› ئاپتوموبىل (شىنجاڭ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ناملىق پويىزغا ئولتۇردى. سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.