مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت

    سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 –نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنى يېپىلدى

    ئامانگۈل2017-03-14 10:44:54شىنجاڭ گېزىتى

    شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

    يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىق ۋە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

     مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۇن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

     شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

     يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى. يۈ جېڭشېڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزانىڭ 2203 كىشى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى يىغىنغا 2101 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

     يىغىندا ئەزالار ئاۋاز بېرىش ئۈسكۈنىسى بىلەن ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق لياڭ جېنيىڭنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆپەيتىپ سايلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، يۈ جېڭشېڭ لياڭ جېنيىڭنى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى.

      يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

      يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: يىغىن مەزگىلىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى ساھەدىكى گۇرۇپپىلارغا بېرىپ پىكىر – تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ھەم ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەردىن روھلىنىپ ۋە ئىلھام ئېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى. ئەزالار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، ‹‹3 – سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى››دىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، پۇختا كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پائال پىكىر بايان قىلىپ، ئەقىل – چارە كۆرسىتىپ، مۇھىم پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى يىغىن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تىرىشىپ نەتىجە يارىتىدىغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى.

      يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئىشلار، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلار ۋە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق پەللىگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ئىش. ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارغا ئاتلىنىۋاتقان پەيتتە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك. سىياسىي تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. زېھىن كۈچنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ، قۇدرەتلىك مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپداشلارنى توپلاپ، كەڭ ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەتنى كۈچەپ ئادا قىلىش كېرەك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىپ، كۈچ چىقىرىپ، سەمىمىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپرەك پىكىر – تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، خەلققە بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە ئىنتىزامچان بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك ، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، ھەشەمەتچىلىك قىلماي تېجەشلىك بولۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش، دۆلەت ئىشلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى باشتىن – ئاخىر قەلبىگە پۈكۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، ئىرادىلىك، ھېسسىياتلىق، جاسارەتلىك، نەتىجە يارىتالايدىغان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش كېرەك.

      يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى يىلى. سىياسىي كېڭەشكە بىر نۆۋەت ئەزا بولسا، سىياسىي كېڭەشكە بولغان رىشتىنى ئۆمۈر بويى ئۈزگىلى بولمايدۇ. بىز قىممەتلىك ۋاقىت ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شان – شەرىپىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، قەتئىي بوشاشماي جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، باشتىن – ئاخىر بىردەك بولۇپ، ۋەزىپىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلماي، بىر ئىزدا توختاپ قالماي، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ چوڭ دولقۇنلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سەھنىسىدە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، سىياسىي كېڭەش تارىخىدا تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇرۇپ، يېڭى نەتىجىلىرىمىز بىلەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئىشلىرىغا شەرەپ كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش يىغىنىنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

     يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.