مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەر

    12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1–قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-12 12:45:02شىنجاڭ گېزىتى

    جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

       يىغىندا 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن بەرگەن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى، شۇنداقلا دەسلەپكى قارار لايىھەسىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

      يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى شېڭلىن بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ليۇ كۇن بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2016 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

        يىغىندا ۋاڭ چېن بەرگەن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ دەسلەپكى قارار لايىھەسىنى تۈزۈش، 2016 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ دەسلەپكى قارار لايىھەسىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

        يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چياۋ شياۋياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ھەم سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

        يىغىندا يۇقىرىقى دوكلات ۋە دەسلەپكى قارار لايىھەلىرىنى تۈزۈش، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ھەم سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى توغرىسىدىكى ئىككى لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ماقۇللاندى.

        12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

        

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.