مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات

    ئامانگۈل2017-01-16 17:08:34شىنجاڭ گېزىتى

    (2017 - يىل 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا بېرىلدى)

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن

      ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

     مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

     ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر

     ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دىققىتىمىزنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قارىتىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىش، دادىل ئۈستىگە ئېلىش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى.

     1. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىدۇق

     «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇردۇق. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنى، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچ، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئىدىيەمىزنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانى، تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش، دېموكراتىيە - قانۇنچىلىق ساھەسىنى ئىسلاھ قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، يەسلى قوش تىل مائارىپى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ئۈستىمىزگە ئالدۇق ۋە پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق.

      ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا دائىر نىزام چىقىرىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك قانۇنچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئائىت نىزام چىقىرىش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، 2015 - يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامىنى چىقىرىش ئاساسىدا، ئۆتكەن يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، تېلېفون ۋە ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ راست سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى، توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامىنى چىقاردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامىنى ئۆزگەرتتۇق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش ۋە دائىملاشتۇرۇش، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ياخشى قانۇنچىلىق ئاساسى ياراتتۇق. تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە كۆرۈلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈستۈن قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، ئالدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى (لايىھە)نى تەييارلاپ، يەرلىك نىزامنى تېزرەك چىقىرىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق.

      ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپ، يېڭى تەدبىرلىرىنى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىشكە دائىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، كارخانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق. تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، «يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى ۋە ئۈچ نەپەر مۇئاۋىن مۇدىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا گۇرۇپپا باشلاپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۈەندىكى ئون شى (شەھەر)گە بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى كەڭ دائىرىلىك، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەتتىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش سۇبيېكتلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش، مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشتا رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق مەسىلىلىرىنى يەنىمۇ تۈزىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدۇق.

      شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە قانۇنچىلىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەشەببۇسكار بولۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياخشى قانۇنچىلىق مۇھىتى ياراتتۇق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بىرلىكتە «قانۇنچىل شىنجاڭ تەڭرىتاغ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2015 - يىلى بۇ پائالىيەتنى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، ئۆتكەن يىلى يەنە خوتەن قاتارلىق توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىمۇ ئۆتكۈزدۇق. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى باش بولۇپ تەشكىللەپ، تەشۋىقات تارمىقى قاتارلىق تارماقلار يېقىندىن ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنت، مەھەللە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى تىپىك ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش، كەچۈرمىشىنى سۆزلەش، نەق مەيداندا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىشلىرى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىقلارغا دائىر قانۇن، سىياسەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا رادىيو، توردىن تەربىيە ئالغانلار سانى 5 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ، تەشۋىق - تەربىيە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. بىز يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 6 - بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنىڭ ئىجراسى ۋە 7 - بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، «پۈتۈن شىنجاڭدىكى پۇقرالار ئارىسىدا 7 - بەش يىللىق قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا قارار» چىقاردۇق، 70 نەچچە قانۇن - نىزامنى ئۇيغۇرچە، قازاقچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ تاماملىدۇق، ئورگاندىكىلەر ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 10 مىڭ كىشىلىك قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

      ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلدۇق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ساقلاشتىكى مۇھىم سىياسىي كۈچ. بىز ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا قارار» چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى باش نىشاننى ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ 1 - سېپىدە تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق، باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتلەردە تەشەببۇسكار بولۇپ، دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇپ، تۆھپە يارىتىش، تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق ۋە چاقىردۇق؛ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىدۇق.

    «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلىدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پوزىتسىيەمىز قەتئىي، ھەرىكىتىمىز تېز بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ ئىككى خىزمەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تولۇق قوزغىدۇق. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بىز ئورگاندىن 50 نەچچە مۇنەۋۋەر كادىر ۋە ئىشچى - خىزمەتچىنى مەركەزلىك تۈزەش ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتتۇق، دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ئەزالىرى كەنتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەنتتە تۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئاساسىي قاتلام بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يىرىك پىلانى تۈزۈش، مەبلەغ غەملەش، دېھقانلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق دائىمىي كومىتېت ئورگىنىمىز تۇرۇشلۇق يەتتە كەنتنىڭ ھەممىسىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. ئورگىنىمىزدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە قىزغىن قاتنىشىپ، ئورگاننىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

      2. دىققىتىمىزنى باش نىشانغا قارىتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق

      پارتىيەنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق. بىز نىزام چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ - چوڭ ئىشلاردا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سورىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى، تېلېفون ۋە ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ راست سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى، توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى، چېگرا باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىقلارنى چىقىرىش ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ھەر قېتىملىق قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامىنى قاراپ چىقىش جەريانىدا پارتكومنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا مەخسۇس دوكلات قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئومۇمىي خەلق ئورتاق رىئايە قىلىدىغان قانۇن ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ۋە جايلاردىكى نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بار خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نىزام چىقىرىش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى.

      خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك نىزام چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى پائال كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش تۈرىنى بېكىتىش، لايىھە تەييارلاش، نىزام چىقىرىشنى قارار قىلىش، قاراپ چىقىش جەريانىدىكى يېتەكچىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق نىزاملارنى تەييارلاشقا باشلامچىلىق قىلدۇق. نىزامنى ئىلمىي، دېموكراتىك چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نىزام چىقىرىش تۈرلىرىدە، مەسىلەن: 2017 - يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى تۈزۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدۇق، توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى ئۈستىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن پىكىر ئېلىپ، نىزام چىقىرىشتا ئاممىنىڭ مۇۋاپىق دەۋا تەلىپىنى تولۇق ئىپادىلەش، پۇقرالار ھەقىقىي ئېھتىياجلىق نىزاملارنى چىقىرىشقا تىرىشتۇق. نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى، پىكىر، ئىختىلاپ كۆپرەك بولغان ماددىلارنى قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئۆتكەن يىلى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى 20 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 60 نەچچە قېتىم سۆھبەت يىغىنى ۋە دەلىللەش يىغىنى ئېچىپ، 1500 پارچىدىن ئارتۇق پىكىرنى تاپشۇرۇۋالدۇق.

      نىزام چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى ۋە ئارال ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى نىزامىنى چىقىرىپ، نىزام چىقىرىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامىنى چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىش ۋە مەبلەغ جەھەتتە يار - يۆلەك بولۇشنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق ۋە مەدەت بەردۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىش سىياسىتى تەڭشەلگەنلىكى، چارۋا، قۇش سويۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇبيېكتىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى، ئېتىز يالتىراق يوپۇقىدىن بۇلغىنىش ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، چارۋا، قۇش سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى، ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ (ياكى ئۆزگەرتىپ)، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق.

      ئاپتونوم ئوبلاست ۋە رايون بار شەھەرلەرنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى سالماقلىق بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمەت تۈزۈلمىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە رايون بار شەھەرلەرنىڭ نىزام چىقىرىش ئېھتىياجى ۋە ئىقتىدارىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە قاراماي شەھەرلىك، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتتۇق.

      بىر يىلدىن بۇيان، بىز جەمئىي نىزام، نىزام خاراكتېرلىك قاراردىن 19 نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدۇق، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق ئوبلاست، شەھەرلەر تەستىقلاشقا يوللىغان نىزامدىن 12 نى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدۇق، ئەنگە ئېلىشقا يوللىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 96 نى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

      3. دىققىتىمىزنى باش نىشانغا قارىتىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق

      نازارەتچىلىكنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇردۇق. بۇ يىل ئاپتونوم رايونمىزنىڭ ئىقتىسادى تۆۋەنلەپ كېتىش بېسىمى ئېغىر، مالىيە كىرىمى كېمىيىش ۋەزىيىتى كەسكىن بولغان ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئېشىشىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈشنى نازارەتچىلىك خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە خامچوت تۈزۈشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق ۋە مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، 28 نۇقتىلىق تۈرنى تەكشۈردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى ئۈچ قېتىم تەڭشىدۇق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە دائىر ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، مۇقىم ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بۇ يىلقى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى ۋە ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا پائال تۆھپە قوشتۇق. بىز يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدۇق ۋە قاراپ چىقتۇق ھەم مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى، ئاپتونوم ناھىيە ۋە مىللىي يېزىلارنىڭ نامراتلارنى دەل يۆلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلدۇق.

      خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىزىق، قىيىن مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، ھۆكۈمەتتىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىسلاھاتتىكى تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاش ۋە تېببىي دورىگەرلىكنىڭ «ھەمتۈرتكە مېخانىزمى»نى بەرپا قىلىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، روھىي ساغلاملىق قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدە كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەر شۇنىڭدەك «مۇسۇلمانچە» دېگەن ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىش مەسىلىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەتتىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ - چوڭ تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. دىن سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، بىز ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، دىن ئىشلىرى جەريانىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە پىكىر، تەكلىپ بەردۇق. ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنى يولغا قويۇش چارىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش نىزامى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتى، قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدۇق.

       قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇردۇق. بىز تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش نازارەتچىلىكى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق ۋە قاراپ چىقتۇق. ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىگە، تەھقىقلەش نازارەتچىلىكى سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، چەكلەش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەھقىقلەش نازارەتچىلىكى خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئىككى مەھكىمىنىڭ 2016 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈش، سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش ئەھۋالىنى سىرتتىن ئاڭلاشقا داۋاملىق تەشكىللەپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئىككى مەھكىمە»نىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، مۇشۇ قېتىمقى يىغىندا ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىشقا زۆرۈر تەييارلىق كۆردۇق. مەركەزنىڭ دەۋا بىلەن ئەرزىيەتنى ئايرىۋېتىش بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى زىددىيەت، ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى مەنپەئەت تەلىپىنى قانۇن يولى بىلەن ئىپادىلەشكە پائال يېتەكلىدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ھال ئېيتىپ كەلگەنلەردىن 1216 نى قوبۇل قىلدۇق.

      نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۈرۈمچىنىڭ قىش پەسلىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىدە، دوكلات ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نازارەتچىلىكتە تىرىشىپ ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. نازارەتچىلىك خىزمىتىدە بايقالغان مەسىلىلەر ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىش داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر، تەكلىپلەرنى ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردۇق؛ چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر، نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاقتىدا يوللاپ، «ھۆكۈمەت ۋە ئىككى مەھكىمە»گە ئەۋەتىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ھەر قېتىملىق ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقىغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ئىزلاپ نازارەت قىلىپ، تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر، تەكلىپ بېرىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ بۇلتۇرقى ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، بىر تەرەپ قىلىشىغا بولغان رازىلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

      بىر يىلدىن بۇيان، بىز «ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ 13 مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، يەتتە قانۇن - نىزامنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، ئالتە قېتىم خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق.

      4. دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا يېڭى تەدبىر قوللاندۇق

      ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى خىزمىتىگە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلدۇق. 2016 - يىلى ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى يىلى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. بىز مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، سايلام ئىشخانىسى قۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە سايلاش تەپسىلىي قائىدىسىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتتۇق ھەمدە ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ ۋاقتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانى ۋە قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى توغرىسىدا قارار چىقاردۇق. «ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا ئائىت قانۇن - ھۆججەت توپلىمى»نى تەرجىمە قىلدۇق، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردە كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ سايلام رايونلىرىنى ئايرىش، سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش، ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسىتىش، تەشكىلىي تەكشۈرۈش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئىنتىزامىنى چىڭىتتۇق، ئىبرەت تەربىيەسى ھەققىدىكى دېلو مىسالى فىلىملىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، «توققۇزنى قاتتىق مەنئى قىلىش» ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈردۇق ۋە ئەمەلىيلەشتۈردۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 50 نەچچە مىڭنى بىۋاسىتە سايلاپ چىقىپ، ۋەكىللەرنىڭ ساپا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى خىزمىتىدە توغرا ئىستىل، توغرا كەيپىيات ياراتتۇق.

      ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا يېڭى تەدبىر قوللاندۇق. ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلدۇق. ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى نۆۋەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ ۋەكىللەر خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە تەربىيەلىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلدۇق، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ۋەكىللىرىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە تەربىيەلىدۇق. ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى يېڭىدىن چىقىرىلغان قانۇن - نىزاملاردىن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئەھۋالدىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن خەۋەردار بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى دائىمىي كومىتېت ئۇيۇشتۇرغان نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش ۋە سوتنى چەتتىن ئاڭلاش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا پائال تەكلىپ قىلدۇق. ۋەكىللەرنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە 260 ئادەم (قېتىم) تەشكىللىدۇق، 50 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، مۇدىرلار يىغىنى تەركىبىدىكىلەر ئۆزى ئالاقىلىشىدىغان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى» تور سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىشى، ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش جەريانى ۋە بېجىرىش نەتىجىسىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، بېجىرگۈچى ئورۇنلارنى باھالاپ، بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. ۋەكىللەر بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەكلىپ، تەۋسىيەلەر ھەققىدە دائىمىي كومىتېت رەھبەرلىرى ئۆزى باشلامچى بولۇپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، شۇ يەرگە بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەر بەرگەن ھەمدە يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بېكىتكەن ئون تەكلىپ، 789 تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى، ۋەكىللەر بۇنىڭدىن تېخىمۇ رازى بولدى.

      بىز پارتىيەنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن 488 نى تەيىنلىدۇق ياكى قالدۇردۇق، ئالتە تۈركۈمدە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن 37 دۆلەت خادىمىنى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشكە تەشكىللىدۇق.

      5. دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈردۇق

      ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق. باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلدۇق، مەركىزىي كومىتېتنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئۆگىنىشنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنى مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، بىر يىلدا جەمئىي 12 قېتىم مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇردۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمى، ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا قاتنىشىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىشەنچلىك، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، ئىستىلى دۇرۇس بولغان يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشتۇق. جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق.

      خەلق قۇرۇلتىيى تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. دائىمىي كومىتېتنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» تورى، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئۈندىدار تورى، دائىمىي كومىتېت ئاخباراتى ۋە ئورگان ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ئېكران قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق.

      ئورگان قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئورگاندا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ھەققىدە كۆپ قېتىم مەخسۇس دوكلات ئاڭلاپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورگان پارتكومىنىڭ «ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»ىنى تارقىتىپ، «بىر ئورۇن، قوش مەسئۇلىيەت» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىزان، نىزامنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇردى. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تۈزىتىش، تەرتىپكە سېلىش ۋە قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، غايە، ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي جەھەتتە كۆزىتىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئورگان قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى.

      ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان خىزمەت ئالاقىسى ۋە ئۇلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتۇق. مەركەزنىڭ 18 - نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى نەزەرىيە، كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەش، جايلارنىڭ نىزام چىقىرىش قوشۇنىنى تەربىيەلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشكە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتكە بولغان يېتەكچىلىك ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىگە پائال ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدۇق. جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى بىزنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىمىزنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، پائال رول ئوينىدى.

      ئۆتكەن بىر يىلدا، بىزنىڭ خىزمەتتە ئېرىشكەن نەتىجە ۋە ئۇتۇقلىرىمىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بارلىق ۋەكىللەر، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئورگان خادىملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقى ۋە ئىجتىھات بىلەن ئىشلىگەنلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ماسلاشقانلىقى شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى، شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇزاقتىن بۇيان خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن يولداشلارغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نامىدىن ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

      بىز نەتىجىلەرنى يەكۈنلەش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ خىزمىتىمىز مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدىن يەنىلا يىراق. ئاساسلىقى نىزامنى دېموكراتىك، ئىلمىي چىقىرىش سەۋىيەمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىدە ئۈنۈمنى ئىزلاپ سۈرۈشتۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش تېخى يېتەرسىز؛ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا، مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ھەل قىلىمىز.

      2017 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىمىز

      ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! 2017 - يىلى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پۇختا ئاساس سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە قويۇلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ مۇنۇلار: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ، 4 - ، 5 - ، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشۇش.

      بىرىنچى، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىمىز

      ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. بىز مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ سىياسىي ۋەزىپىمىز» دېگەن قەتئىي پوزىتسىيە ۋە سىياسىي تەپەككۇرنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە مۇددىئاسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. مەركەزنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، دىنلار ئىناقلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى بىر گەۋدە قىلىپ ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى چۈشىنىش، ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى باشتىن - ئاخىر نامايان قىلىمىز. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش مۇھىم مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

      ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانىنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرىمىز

      باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى نىزام چىقىرىش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش، مۇھىت ئاسراش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە «كەمتۈكلۈك»نى تولۇقلاش جەھەتتە نىزام چىقىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان نىزاملارنى كۆپرەك چىقىرىمىز. بۇ يىل بىز ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى، تور بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوغداش نىزامى قاتارلىقلارنى چىقىرىش ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. نىزامنى ئىلمىي، دېموكراتىك چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يۆلەك بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىسلاھات تەدبىرى بىلەن نىزام چىقىرىش تەدبىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش بويىچە لايىھە تەييارلاش، دەلىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە پىكىر ئېلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشتا ئەقىل - پاراسەتنى كەڭ تۈردە مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىمىز. نىزامنى دەل جايىدا چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇشنى نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يەرلىك نىزاملارنىڭ ئۈنۈمى، قوللىنىشچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز.

       ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانىنى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرىمىز

      نازارەتچىلىك خىزمىتىنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرىمىز. بىرىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى، تېلېفون ۋە ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ راست سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىق نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. ئىككىنچىدىن، ئومۇمىي خامچوت - نەق چوتنى تەكشۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، خامچوت ئىجراسىنى چىڭىتىپ، خامچوتنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. ئۈچىنچىدىن، دورا باشقۇرۇش قانۇنى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلايمىز ۋە قاراپ چىقىمىز، چەت - ياقا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش، ئۇنى قوغداش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. تۆتىنچىدىن، «ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت ئاسراش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش نۇقتىلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىمىز. بەشىنچىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. ئالتىنچىدىن، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، نازارەتچىلىك خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، رازىمەنلىكنى باھالاش، ئىزلاپ نازارەت قىلىش، داۋاملىق نازارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل نازارەتچىلىك ئۇسۇللىرىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

      تۆتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانىنى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا سىڭدۈرىمىز

      مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ۋەكىللەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى قوزغاپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تىرىشىپ كۈچەيتىش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىمىز. يېڭى سايلانغان ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىمىز. تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بېجىرىلىش نىسبىتى ۋە ۋەكىللەرنى رازى قىلىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز. ۋەكىللەرنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتى سۇپىسى، تور سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش سەپىرى» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرىمىز.

      ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارا بېرىپ سايلىتىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا توغرا كەيپىيات، توغرا ئىستىل بەرپا قىلىمىز. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرىمىز.

      بەشىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانىنى قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە سىڭدۈرىمىز

      قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى مۇھىم ئەلرايى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ 7 - بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلامغا يەنىمۇ ئۆزلەشتۈرىمىز. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «قانۇنچىل شىنجاڭ تەڭرىتاغ سەپىرى» ۋە ئاساسىي قاتلامنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر ھەر خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغىچە كېڭەيتىمىز. گېزىت - ژۇرنال، خەلق قۇرۇلتىيى تورى، خەلق قۇرۇلتىيى ئۈندىدار تور لىنىيەسى قاتارلىق تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان قانۇن - نىزاملارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، بېشىغا كۈن چۈشكەندە قانۇنغا مۇراجىئەت قىلىش، مەسىلىلەرنى قانۇن يولى بىلەن ھەل قىلىش، زىددىيەتنى قانۇن يولى بىلەن پەسەيتىشتەك قانۇن ئىدارە قىلىش كەيپىياتىنى كىشىلەر كۆڭلىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇزىمىز.

      ئالتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانىنى ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى تەلەپلەرگە سىڭدۈرىمىز

      ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىيۋىلىك ئېڭى، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق تۈردە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرىمىز. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، مەركەز ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ - چوڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قايتا ئۆگىنىپ، تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشتەك ياخشى ئوبرازىنى قوغدايمىز. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى داۋاملىق پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسنى پۇختىلاش، يىراقنى كۆزلەش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز. سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، تىرىشچان، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، پاك ۋە خەلقچىل كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان ئورگان قۇرۇشقا تىرىشىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىمىز.

      ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! دەۋر بىزگە يۈكلىگەن ۋەزىپىلەر مۈشكۈل ۋە شەرەپلىك، خەلق بىزدىن سەمىمىي ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە؛ جەلپكار شىنجاڭدا ئۈمىد زور، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئىشەنچىسى تولۇپ تاشماقتا. ھەممىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، دادىل ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.