مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5–يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى5–قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى

    ئامانگۈل2017-01-14 16:12:27شىنجاڭ گېزىتى

      رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 5 – قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

     يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خامچوتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى ئالتە قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بېرىش، ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇش قارار قىلىندى.

     يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.