مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەۋەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5–يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى

    ئامانگۈل2017-01-14 16:53:11شىنجاڭ گېزىتى

    (2017–يىل 1–ئاينىڭ 13–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى5 –يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بەرگەن ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلدى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2016 – يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى 2017 – يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلۇپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

     يىغىن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشقا چاقىردى!

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.