مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى يېپىلدى

    ئامانگۈل2017-01-14 16:03:09شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى، نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    چيەن جى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى

    ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات تەستىقلاندى، تۈرلۈك قارار–بېكىتمىلەر ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

      ئاينۇر ئابلىمىت، گۈلمىرە مۇھەممەد، رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلىنىپ، تۈرلۈك قارار – بېكىتمىلەر ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

     يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 543بولۇپ، قاتناشقىنى 490، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

     يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، ئەسقەر تۇرسۇن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

     يېپىلىش مۇراسىمىغا يىغىن ئىجرائىيە رەئىسى نەيىم ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

     شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى ۋە تولۇقلاپ سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چيەن جى ھەم يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

     يىغىندا چيەن جىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستېپا سوراش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

     ۋەكىللەرنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى، 16 بېلەت نازارەتچىسى سايلاپ چىقىلىپ، بېلەت تارقىتىش، بېلەت تاشلاش ۋە بېلەت ھېسابلاشقا نازارەتچىلىك قىلىش ماقۇللاندى. باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرى بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر بېلەت تاشلىدى. بېلەت تاشلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى تاشلانغان ۋە يىغىۋېلىنغان بېلەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، سايلام ئىناۋەتلىك بولدى. چيەن جى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

     يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ماقۇللىنىپ تەستىقلاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، تەستىقلاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە 2017 – يىللىق خامچوتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، تەستىقلاندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتى تەستىقلاندى.

     يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، تەستىقلاندى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مۇئاۋىن مۇدىرى چيەن جى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.

     نەيىم ياسىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ تۈرلۈك كۈنتەرتىپلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، شۇنىڭدەك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىلىرىنى بىر نىيەتتە ئورۇنداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     نەيىم ياسىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم بىر يىل. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. بىز چوقۇم بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۈمىدنى يەردە قويماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىستىلنى تۇتۇپ، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش›› پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، زېھنىمىز ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىمىزنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ھەر قانداق كاشىلىلارغا قارىماي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمىز بىلەن پائال ئاتلىنىشىمىز، غەيرەتكە كېلىپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپ، پائال تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     غانىبات سابۇكەي، تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، مەمتىمىن ياسىن، مۇتەللىپ قاسىم، جەرۇللا ھېسامىدىن، بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، ماغاۋ سېيىتقامزە، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، يۈ شيۇدۇڭ، سەمەت مەمەت، سۇڭ جيەنيې، لۇ شياۋفېڭ، ليۇ شياڭسۇڭ، سۇڭ خاۋ، ئابلىز نىياز، گو يۇڭخۇي، گۈەن يەنمى، ۋاڭ ئەيگو قاتارلىقلارمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.