مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى يېپىلدى

    ئامانگۈل2017-01-13 10:55:03شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

    نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

     ماغاۋ سېيىتقامزە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى

     مۇبارەك ئىسمائىل، مۇيەسسەر ئاباھامىت، مۇساجان مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا چاقىردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، قادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن تولۇقلاپ سايلانغان مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزە، باش كاتىپ خەن جۈن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

      چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، ليۇ شىنچى، غانىبات سابۇكەي قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

     سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 479 بولۇپ، يىغىنغا 429 ئەزا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

     يىغىندا سايلام چارىسى، باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ يىغىندا ئەستايىدىل غۇلغۇلا قىلىش، دېموكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق نامسىز بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ماغاۋ سېيىتقامزە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، خەن جۈن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى.

     يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرگەنلىك ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىن مەزگىلىدە يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر چوڭ – چوڭ مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئاكتىپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن پىكىر – تەكلىپلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلدى. يىغىننىڭ كەيپىياتى قىزغىن، ھەيۋەتلىك، پۇختا، ئەمەلىيەتچىل، ئىستىلى دۇرۇس، توغرا بولۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، كىشىگە ئىلھام بېرىش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش مەقسىتىگە يەتتى.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش خادىملىرى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەتچىلىك رولى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلغان ھالدا سىياسىي كېڭەشنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. باشتىن – ئاخىر ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غايىنى چىڭىتىشنىڭ تايانچى، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم سۇپىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك كېڭىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، دوستلىشىش قاتارلىق خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. بىز سىياسىي كېڭەشنىڭ ‹‹ئىككى قوشۇن›› قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىزچىل ئىستىل ئۆزگەرتىش، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇشنى، ئۇزاققىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش خادىملىرىنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، باشتىن – ئاخىر ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل، دادىل، ئادىل – پاك بولۇپ، باشتىن – ئاخىر چوڭ ھەق – ناھەقنى ئايرىشتا مەيدانى ئېنىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىسىغا مۇھەببىتى سەمىمىي بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش خادىملىرى بولۇشى لازىم. بىز باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىش بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، كىرىزىس تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا ھەقىقىي چۆكۈپ، خەلق رايىنى كۆپرەك ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا تەكلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھالقىلىق جايلارنى نازارەت قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

     خۇا شىفېي، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، چۆجۈپ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، چيەن جى، مۇتەللىپ قاسىم، ماۋكەن سېيتقامزە، ۋاڭ ۋېي، سەمەت مەمەت، گۈەن يەنمى قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

     مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم مەسلىھەتچىلىرى، مەدەنىيەت – تارىخ يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، بىر قىسىم ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولمىغان پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى ۋە رەئىسلىرى، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى ۋە مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر)لىق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرى ۋە پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.