مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت

    تەڭرىتاغ تورى شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى ھەر تەرەپلىمە خەۋەر قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

    پەرغانە غوپۇر2017-01-11 09:51:42تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىزمەتچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىنغا تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›نى خەۋەر قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.

        تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2017-يىللىق شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، تەڭرىتاغ تورى يۇغۇرۇلما تاراتقۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ «ئىككى يىغىن» ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىپ، قىزىق نۇقتا، يارقىن نۇقتىلارغا بىۋاستە چۈشەنچە بېرىپ، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

        10-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن «تەڭرىتاغ تورى ‹ئىككى يىغىن› يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزى»گە كېلىپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بىرىكتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەڭرىتاغ تورى قارىمىقىدىكى «شىنجاڭ يانفون گېزىتى»، تەڭرىتاغ تورى خەۋەر تېرمىنالى، تەڭرىتاغ تورى ئۈندىدارى، «تەڭرىتاغ تورى تېز گېزىتى» (ئۇيغۇرچە)، تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە خەۋەر تېرمىنالى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەڭرىتاغ تورى مەخسۇس سەھىپىسى ئارقىلىق كۆپ مەنبەلىك ھەرىكەتچان قاناللار بىلەن بىرلىكتە تېز، ئېنىق،  كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن››نى خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن يېڭى تاراتقۇغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن، تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەرلىرىنى دائىم دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمەن. سىلەر ئىنتايىن ياخشى ئىشلەپسىلەر، جاپا چەكتىڭلار!». ئۇ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن يانفونىنى چىقىرىپ تەڭرىتاغ تورى خەۋەر تېرمىنالىنى ئېچىپ خىزمەتچى خادىملارغا: مېنىڭ يانفونىمدىمۇ تەڭرىتاغ تورى تېرمىنالى بار، مەن دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن، دېدى.

        نەق مەيداندا نەيىم ياسىن يەنە تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئېنگلىزچە، رۇسچە، تۈركچە  تىللاردىكى ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىلىرىنى كۆرۈپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ كۆپ تىل، كۆپ شەكىلدە خەۋەرلەرنى تارقاتقانلىقىنى ماختىدى ھەمدە نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ، ئۇلارغا مەدەت بەردى. 

       9-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن «تەڭرىتاغ تورى ‹ئىككى يىغىن ›يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزى»نى كۆزدىن كەچۈردى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى شاۋكەت ئىمىنغا «باش نىشاننى چۆرىدەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» باش تېما قىلىنغان تەڭرىتاغ تورى شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىسىنى كۆرسىتىپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ بەش جوڭ سۇپىسى، ئالتە خىل تىلدىكى مەخسۇس سەھىپە بېتى، نەق مەيدان كۆرگەزمە ئورنى، سۈرەت، يېزىق، ۋىدىيو، بىۋاستە تارقىتىش، H5 مىكرو ژۇرنال، سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى تارقاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

     شاۋكەت ئىمىن تەڭرىتاغ تورى ئىشلىگەن بارلىق خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى بىلەن بىرلىكتە تەڭرىتاغ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋىدىيوسىنى كۆرۈپ، يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە تەڭرىتاغ تورىنى تەۋسىيە قىلدى.

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتان 9-يانۋار «تەڭرىتاغ تورى ‹ئىككى يىغىن› يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمەت مەركىزى»گە كېلىپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى تارقىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ياخشى باھالارنى بەردى.

       بۇ نۆۋەتلىك «ئىككى يىغىن» ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلغان ئىككى يىغىن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان مۇھىم يىغىن. تەڭرىتاغ تورى ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى تارقىتىشتا «تور تاراتقۇلىرىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، نوپۇزلۇق، يېقىملىق ئاۋازنى تارقىتىش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، خەۋەرلەرنىڭ توغرا، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.   

        ئىگىلىنىشىچە، ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ھەر قايسى سۇپىلىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە، تۈركچە قاتارلىق ئالتە خىل تىلدا نوپۇزلۇق ئۇچۇر تارقىتىپ، تەكلىپ-لايىھە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى ئىز قوغلاپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى كەڭ تورداشلارنىڭ ئىككى يىغىن ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىغا قولايلىق ياراتقان.     

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يانفونىدىكى تەڭرىتاغ تورى خەۋەر تېرمىنالىنى كۆرسەتمەكتە.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن تەڭرىتاغ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋىدىيوسىنى كۆرمەكتە.

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىزمەتچىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتانغا تەڭرىتاغ تورىنىڭ شىنجاڭ ئىككى يىغىن خەۋەرلىرىنى تارقىتىش ئەھۋالنى تونۇشتۇرماقتا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.