مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    نامراتلارنى يۆلەش

    شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

    ئامانگۈل2017-01-03 10:38:10شىنجاڭ گېزىتى

    يىل ئاخىرىدىكى مەخسۇس ماقالە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قىسمى (1)

      خەن شىنيەن

     يادرولۇق كۆرسەتمە: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىدا: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ تۈپ نىشانى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، يەرلىككە بەخت يارىتىشقا كۆپرەك كۈچەش؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا مايىللاشتۇرۇپ، كەسىپكە تۈرتكە بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى نىشان قىلىپ، يەرلىك ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     پامىر ئېگىزلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمەتئوسمان ئەركىن ھازىر قوي، كالىلىرىنى تاغ- داۋانلاردا يايلىتىپ باقمايدىغان، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمايدىغان بولدى، چۈنكى «كېباڭ» مانگان ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جياڭشى سانائەت باغچە رايونىدا زاۋۇت قۇردى.

     − بىز ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئىش تاپالايدىغان بولدۇق، ھازىر ئايدا 4300 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن، بۇ ئىلگىرىكى يېرىم يىللىق كىرىمىمگە تەڭ ئىدى، تۇرمۇشىمىزمۇ تەلتۆكۈس ئۆزگەردى، − دېدى «كېباڭ» مانگان ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى مەمەتئوسمان.

      ھازىر شىنجاڭدا مەمەتئوسمانغا ئوخشاش شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلەر ناھايىتى كۆپ.

        شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

      قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى «تيەنيى» ئوت مۇداپىئە چەكلىك شىركىتىدىن ئەمدىلا ئىشتىن چۈشكەن مامۇت ئەمەت 2016- يىل 12- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن ماڭا مۇنداق دېدى: «تيەنيى» ئوت مۇداپىئە چەكلىك شىركىتىدە ئىشلىگىنىمدىن بۇيان ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىر ئاتۇش سانائەت رايونىغا «تيەنيى» ئوت مۇداپىئە شىركىتىگە ئوخشاش كارخانىدىن 138ى ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 91 كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، يەرلىكتىن 2968 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

      كۈيتۈن- مايتاغ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ «تيەنخۇڭ جىيې» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى 2- شۆبە زاۋۇتىنىڭ ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى ئۈسكۈنىلىرى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان نەچچە يۈز ئىشچى بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتى.

      شېنجېن شەھىرى قەشقەر شېنجېن كەسىپلەر رايونى ئارقىلىق 29 كارخانىنى ماكانلاشتۇرۇپ، 4000دىن كۆپرەك كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ جياڭشى ئۆلكىسى ئاقتۇ ناھىيەلىك جياڭشى سانائەت رايونى ئارقىلىق 1300دىن كۆپرەك ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى ۋە يېتەكلىدى؛ جياڭسۇنىڭ شۈجۇ شەھىرى بىر تۈركۈم مۇھىم كەسىپ تۈرى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كۈيتۈن ۋە ئىلى دەريا ھەۋزىسىدىكى رايونلاردىن 3000دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچىنى جەلپ قىلدى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى زور كۈچ بىلەن كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنى 4000دىن كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئەنخۇي ئۆلكىسى گۇما ناھىيەسىگە پىلاندىن سىرت ياردەم بېرىپ، 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملىك سېخ سېلىپ بەردى ھەم يىلىغا 2 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش كىيىم- كېچەك تىكىشكە بولىدىغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كىرگۈزدى.

      بۇنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا تەرتىپلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەشتەك بۈيۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى كارتىنىسى دېيىشكە بولىدۇ.

      شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر قوللىغان كەسىپ رايونلىرى ياردەمگە ئېرىشكەن جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر نامىدىكى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى»، «ئەلرايى قۇرۇلۇشى» تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

        ياشلارنىڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلدى

      2014- يىلى 21 ياشلىق قىز تاجىم ھابىسقا نىسبەتەن تەقدىرى ئۆزگەرگەن بىر يىل بولدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاقسۇ جېجياڭ كەسىپلەر رايونىدىن كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى.

      تاجىم ھابىس باي ناھىيەسىدىن بولۇپ، يەرلىكتە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئاز بولغاچقا، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ناھايىتى تەس ئىدى. 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدا جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى كىرگۈزگەن جېجياڭ- شىنجاڭ «گۇەنشىن» پاختا توقۇمىچىلىق شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەم يەرلىكتىن ئىشچى قوبۇل قىلدى. 2014- يىلى چاغاندىن كېيىن، تاجىم ھابىس بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئاقسۇغا كېلىپ، كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، «گۇەنشىن» شىركىتىنىڭ يىپ ئېگىرىش ئىشچىسىغا ئايلاندى.

      تاجىم ھابىس ھازىر ئايدا 3000 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدۇ، تاماق، ياتاق ھەقسىز، ئۇ زاۋۇتتا يەنە ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن تونۇشۇپ دوستلاشتى.

      قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاقسۇغا ماكانلاشقان كەسىپ ھەمكارلىق تۈرلىرى 52گە، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 10 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 12 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ %80ى يەرلىكتىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن تەشكىل تاپتى.

      ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئارقا- ئارقىدىن كۈچەيتتى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشكەن جايدا 90 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

      شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش داۋامىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر دۆلەتنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ياردەمگە ئېرىشكەن جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، يەرلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بويىچە «قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

      − ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم، ھازىر ئايدا 3000 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن، تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئېرىم ئاشخانا ئاچتى، تۇرمۇشىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، − دېدى ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىنىڭ پايناپ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە گۈلچىمەن.

      ئۇ بۇ يىل 3- ئايدا تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئايكۆل بازىرىدىكى پايپاق زاۋۇتىدا ئىشچى بولدى. بۇ زاۋۇت جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

      ھازىر شىنجاڭدا كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىر- بىرلەپ ئەمەلىيلىشىپ، زامانىۋىلاشقان زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 80 -، 90- يىللاردا تۇغۇلغان ياشلار رەتلىك خىزمەت فورمىسى كىيىپ كەسپىي ئىشچىغا ئايلاندى.

        قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشتە «بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ»

      جىمىسار ناھىيە لاۋتەي يېزىسىنىڭ ئاقتۆبە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ۋۇلۇتقان مالدىقان تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۆز ئاكامغا ئوخشاش كىشى»نىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى.

      ۋۇلۇتقان مالدىقان تىلغا ئالغان «ئۆز ئاكامغا ئوخشاش كىشى» دېگىنى شيامېن شەھىرىنىڭ جىمىسار ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ۋۇ كېفېننى كۆرسىتىدۇ.

      ۋۇلۇتقان مالدىقاننىڭ سول قولى مېيىپ بولۇپ، ئۈچ بالىسى، 10 مو يېرى بار ئىدى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. 2014- يىلى شيامېن جىمىسار ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەرلىكتىكى نامرات ئاھالىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بەرگەندە، ۋۇ كېفېن ۋۇلۇتقان مالدىقان ئائىلىسى بىلەن تۇغقان بولدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.

      − ئۇكام، قانداقراق ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

      − قوي، كالا بېقىش مېنىڭ كەسپىم، ئەمما قولۇمدا پۇل بولمىغاچقا، بۇ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم، − دېدى ۋۇلۇتقان مالدىقان.

      ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي، ۋۇ كېفېن 20 مىڭ يۈەنگە بىر ئالا سىيىر سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بەردى. ۋۇلۇتقان مالدىقان ئائىلىسىدىكىلەر بۇ كالىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى.

      بۇ كەنتتە ۋۇلۇتقان مالدىقانغا ئوخشاش 51 نامرات ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسى شيامېنلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن قوشماق بولۇشتى.

      چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۈنجاچى نېرۇ يېزىسىنىڭ سۈنجاچى نېرۇ كەنتىدىكى نۇرغۇن ئاھالە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن تۇغقانلاشتى، ئۇلار بېقىۋاتقان كۆپ قوزىلايدىغان قوينى بۇنىڭ شاھىت دېيىشكە بولىدۇ.

      سۈنجاچى نېرۇ كەنتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يۆلەش نۇقتىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار كوللېكتىپى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن كەنتتىكى 110 نامرات ئاھالىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن ساغلىق تارقىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس تېخنىك خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

      شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر «بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەننى نىشان قىلىپ، «بىر كەنت بىر مەھەللە» نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق ياراتتى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئالدىنقى سەپتىكى 14 خىزمەت ئەترىتى 28 نۇقتىلىق كەنت ۋە مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 350 كادىر، ئىختىساسلىق خادىم ئالاقە نۇقتىسىدىكى نامرات ئاھالە ياكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

      ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 8- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كەلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىگە سىڭىشىپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، يېڭى يول ئاچتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.