مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    نامراتلارنى يۆلەش

    توققۇزتارا ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-12-30 12:31:04شىنجاڭ گېزىتى

    گۈزەلنۇر ئۆمەر خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى بۇ يىل نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، 11 تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ جەھەتتىن يۆلەيدىغان نامرات ئائىلىلەرگە 53 مىليون 540 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ھەل قىلىپ بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈمى ۋە داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن 2 مىليون 20 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

    بۇ ناھىيە نامرات كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى، شىپاخانا، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيلىرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈردى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ، توك ئىشلىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، نامرات نوپۇسلارغا قارىتا ‹‹ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش››نى ئىشقا ئاشۇردى. ناھىيە بويىچە 1330 نامرات ئائىلە، 4722 نامراتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.