مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭلىقلار

    جاۋ زىشۆ ۋە ئۇنىڭ ‹‹نېسىگە دورا بېرىش›› ئامبۇلاتورىيەسى

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-12-30 11:29:27شىنجاڭ گېزىتى

    شى شىن

     11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ھاۋا سەل سوغۇق ئىدى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ‹‹دوستلۇق›› يولى تەۋەلىك رايونىدا تۇرۇشلۇق جاپپار ئېزىز كېلىشىپ قويغىنى بويىچە قوشنىسى جاۋ زىشۆنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىگە كەلدى.

     ــ كىرىڭ، يەڭگەمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق، ئالدىنقى قېتىم بەرگەن دورىنى ئىچىپ بولدىمۇ؟ ــ جاۋ زىشۆ جاپپار ئېزىزغا بىر ئىستاكان چاي ئېلىپ كەلدى ھەم ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىدى.

     جاۋ زىشۆ بۇ يىل 50 ياشتا بولۇپ، 2002 – يىلى خېنەندىن بۇ تەۋەلىك رايونىغا كېلىپ خۇسۇسىي ئامبۇلاتورىيە ئاچقانىدى. ئۇ قوشنىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كېسەل بولۇپ قالسا ئاۋۋال داۋالاپ، داۋالىنىش ھەققىنى خاتىرىسىگە يېزىپ قويىدىغان بولدى. ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدىكى تارتمىغا قويۇلغان بىر دەپتەرگە بۇ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالانغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىسمى، ۋاقتى، كېسەللىك ئالامىتى ۋە نېسى قالغان داۋالىنىش ھەققى قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جاپپار ئېزىزنىڭ نېسى قالغان داۋالىنىش ھەققىمۇ بار ئىدى.

     ــ ئاغرىقلارنىڭ پۇلى بولمىسىمۇ، ئۇلارنى داۋالاش كېرەك، بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قولۇم – قوشنىلار، مەن ئۇلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىم كېرەك، ــ دېدى جاۋ زىشۆ.

     76 ياشلىق جاپپار ئېزىز جاۋ زىشۆنىڭ كونا قوشنىسى. ئون يىلنىڭ ئالدىدا، بوۋاينىڭ خوتۇنى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ، يىغلىغان پېتى جاۋ زىشۆنى ئىزدەپ كەلدى.

     ــ شۇ چاغدا مەن بەك جىددىيلىشىپ كېتىپ، تېزلا جاۋ زىشۆنى ئىزدەپ كەلدىم، ئۇ خوتۇنۇمنىڭ كېسىلىنى كۆردى ھەم ماڭا ياردەملىشىپ خوتۇنۇمنى چوڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، شۇ چاغدا ئۇ 2000 يۈەن داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىگەنىدى، جاۋ زىشۆ ھەقىقەتەن ياخشى كىشى، ئۇ ماڭا خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ، ــ دېدى جاپپار ئېزىز.

     جاۋ زىشۆ جاپپار ئېزىزنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ مۇقىم كىرىمى يوقلۇقىنى بىلىپ، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ داۋالىنىش ھەققىنى كېمەيتىپ ئالدى، بەزىدە ھەتتا پۇل ئالمىدى.

     جاۋ زىشۆ: «ھەممىمىزنىڭ ئاتا – ئانىسى بار، بۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەس، شۇنچە يىللاردىن بۇيان بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ كەلدۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن پۇل ئالساق قانداق بولىدۇ؟» دېدى.

     جاپپار ئېزىز جاۋ زىشۆنىڭ ياردىمىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىشنى ئويلىدى. بىر قېتىم ئۇ مەھەللىدىكىلەر ھال سوراپ ئېلىپ كەلگەن ئىككى خالتا گۈرۈچ بىلەن بىر باك ياغنى جاۋ زىشۆنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى، جاۋ زىشۆ بۇلارنى ئېلىشقا ئۇنۇمىدى، بۇ چاغدا بوۋاي جاۋ زىشۆنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «سىز ياخشى ئادەم، بۇ ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ سىزگە بولغان كۆڭلى، قوبۇل قىلىڭ» دېدى.

     جاۋ زىشۆ: «مەن ئاخىر بوۋاينىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلدىم. ئۇرۇق – تۇغقانلار مانا مۇشۇنداق ئۆزئارا ياردەملىشىپ، سېنىڭ – مېنىڭ دېمەي ئۆتىدىغان گەپ ئىكەن» دېدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.