مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تىرىشىپ ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرەيلى

    ئامانگۈل2016-12-27 10:42:13شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ‹‹پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش. بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

      لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسى پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار بىلەن زىننەتلىنىپ، بايراملىق خۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى لى پېڭشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ۋە 8 – تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىر، ئىختىساسلىقلىرى، ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىر، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى ۋە ئاتا – ئانىسى يېنىدا يوق ۋە كۆچمەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ‹‹پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش. بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

     لى پېڭشىن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، ‹‹پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش.بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىر، ئىختىساسلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئۆزئارا باردى – كەلدىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئۇزارتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ قەلبىگە چېچىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

     ‹‹تۇغقانلىرىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىلۋەت كەنتتە...›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئويۇنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ئېيتقان تۇغقانلىرى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بىلەن باشلاندى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ئۆزلىرى يېزىپ، ئۆزلىرى رول ئالغان ‹‹<ئۈچكە كىرىش، ئىككىدە ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش> پائالىيىتى ھەقىقەتەن ياخشى›› قاتارلىق نومۇرلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى؛ ‹‹تونۇرىمىز››، قوش تىلدىكى ‹‹مەن ۋە ۋەتىنىم›› ناملىق چاتما ناخشا قاتارلىق نومۇرلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش ئىشەنچى ۋە پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان تىلەكلىرىنى نامايان قىلدى.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى ئالەمدىن ئۆتكەن كادىر خۇاڭ چۈنچاۋ خىزمەت قىلغان كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى قۇميار كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قەدىرنىسا باھايىدىن ۋە خۇاڭ چۈنچاۋ بېقىۋالغان يېتىم بالا ئەنقەر ئەكبەر تەكلىپ قىلىندى. قەدىرنىسا نەق مەيداندا خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ كەنت ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: سىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز، سىزگە ئوخشاش پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن كەنت ئاھالىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن. ئەنقەر جاراڭلىق ئاۋازدا: مەنمۇ خۇاڭ دادامدىن ئۆگىنىپ، ياراملىق ئادەم بولىمەن، دېدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى نۇرغۇن كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ چىن ھېسسىياتى بىلەن قوشقان تۆھپىسىدىن شۇ جايدىكى ئامما پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ھېس قىلدى.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە لى پېڭشىن، ما شۆجۈن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ۋەكىللىرى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە ھال سوراش پۇلى ۋە ھال سوراش بۇيۇمى تەقدىم قىلدى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىمۇ ئۇلارغا ئۆزلىرى ياسىغان كىچىك سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا، تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار بىلەن بىللە مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىدى، پۈتكۈل مەيدان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت دېڭىزىغا ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. كۆپچىلىك بىردەك ‹‹ۋەتەننى كۈيلەيمىز›› ناخشىسىنى ئېيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.