مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ ئەل خىزمىتى

    خىزمەت گۇرۇپپىسى كەچلىك بازار قۇرۇپ بەردى

    مەۋلۇدە2016-12-26 09:42:49تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    قاينام-تاشقىنلىققا تولغان «بوستان» كەچلىك بازىرى

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غوجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: خوتەن ۋىلايەتلىك يول تىرانسىپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا بوستان كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ بەرگەن «بوستان» كەچلىك بازىرى 14-دېكابىردىن باشلاپ ئېچىلىپ، بوستان كەنتى ۋە ئەتراپتىكى لەمپە، شاخلىق، چىنىباغ قاتارلىق كەنتلەردىكى 2000 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى مەزمۇن قوشتى.

       بوستان كەنت 1-مەھەللىدىكى ئېلى روزىباقى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مەدىتى بىلەن ئايالى بىلەن بىرلىكتە بازار ئېچىلغان كۈنى ئۆپكە-ھېسىپ پىشۇرۇپ كەلگەنىدى. كەچتە ئۇ غەللىدىكى 400 يۈەن پۇلنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « كەنتىمىزدە كەچلىك بازار ئېچىلىپ بەك ياخشى بولدى. بىزنىڭ كىرىم يولىمىز كۆپەيدى. بىزگە مۇشۇنداق ياخشى بازارنى بەرپا قىلىپ بەرگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»

        قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا چىنىباغ كەنتىدىكى 83 ياشلىق ئابدۇكېرىم مىرزەخمەت مۇنداق دېدى:« كاۋاك يېزىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان يېزىمىزدا تۇنجى كەچلىك بازار قۇرۇلدى. تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلدى، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق.»

    قاينام-تاشقىنلىققا تولغان «بوستان» كەچلىك بازىرى 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.