مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى ھېكايە

    چەرچەن ناھىيەسىدىكى مېھرىبان ئانىلار قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

    مەۋلۇدە2016-12-26 11:41:10تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    مېھرىبان ئانىلار سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىماقتا.

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: 25-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەسىدىكى مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى 2016-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنى ۋە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە مېھرىبان ئانىلاردىن بولۇپ 400دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

       چەرچەن ناھىيەلىك مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى 2012-يىل مايدا ئەتراپتىكىلەرگە خەيرى-ساخاۋەت قىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىنى باش مىزان قىلىپ خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان 30نەپەر ئايالنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ 585 ئەزاسى بار. بۇ مېھرىبانلار ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار، كېسەلچان، مېيىپ، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، قەلىبلەرنى ئىللىتماقتا.

    پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.