مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    «گۈزەل شىنجاڭ، چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان شىنجاڭ» ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    پەرغانە غوپۇر2016-12-26 15:40:30تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     

       تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 25-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «گۈزەل شىنجاڭ، چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان شىنجاڭ» ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى نەتىجىلىك ئاياغلاشتى. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن كەلگەن 40 نەپەر ماھىر كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ۋېي تيەنتيەن، شيا جۈەنجۈەن قاتارلىق 10 ماھىر 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.  

       ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مارتتا «گۈزەل شىنجاڭ، چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان شىنجاڭ» ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتىپ ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ ماھىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان، چارۋىچىلار ۋە مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئاھالىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك تىلى بىلەن ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان مۇھەببەتلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باردى-كەلدى قىلىپ سىردىشىشىپ ئىناق ئۆتكەنلىكىدەك تەسىرلىك كارتىنىلارنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى.

      ئىگىلىنىشىچە، «گۈزەل شىنجاڭ، چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان شىنجاڭ» ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە «ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش» ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ‹‹ئاساسىي قاتلامنى ۋە ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتىش››تەك ياخشى ئۈنۈم يارىتىلغان.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كېراڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.