مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى ھېكايە

    ئاقتۇ ناھىيەسىدە 2017-يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ

    مەۋلۇدە2016-12-22 11:48:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ناسىپجان مامۇت، ئابلىمىت ئەزىز خەۋىرى، فوتوسى: ئاقتۇ ناھىيەسى 2017-يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىگە جىددىي تەييارلىق قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى كەسپىي ئارتىسلار، خەلق سەنئەتكارلىرى، ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 125 نەپەر ھەرمىللەت سەنئەتكار مۇقام، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈلدۈرگە قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنداپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.