مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    4-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر»نى باھالاش پائالىيىتى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-12-21 12:50:30تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچ تورى

       ئۆز خەۋىرىمىز: 20-دېكابىر كەچتە 4-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر»نى تەقدىرلەش مۇراسىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇرادىل مۇتەللىپ، ۋاڭ رەن قاتارلىق 30 ئۆسمۈر ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر» شەرىپىگە ئېرىشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن تەقدىرلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر» شەرىپىگە ئېرىشكەنلەرنى شەرەپنى قەدىرلەپ، داۋاملىق تىرىشىشقا، ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىللە ئويناش، بىللە ئۆگىنىش، ئورتاق ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ئۈلگىلىك باشلامچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

     4-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر»نى باھالاش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ــ ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنە بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىش. بۇ پائالىيەت بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، جايلار ئىنچىلىك بىلەن تەشكىللەپ، ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر» نامزاتىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل باھالاش جەريانى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر»نىڭ مۇنەۋۋەر ئەخلاق-پەزىلىتىنى ئۆگىنىشتىكى جەريانغا ئايلاندى. 12-ئىيۇلدىن 20-ئاۋغۇستقىچە تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ مەدەنىيەت تورى مەخسۇس سەھىپىسىدە تەشكىلىي كومىتېتنىڭ تاللاپ باھالىشىدىن ئۆتكەن 60 نەپەر نامزاتنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا توردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، توردىكى ئومۇمىي تاشلانغان بېلەت سانى 780 مىڭدىن ئاشتى، ئاخىرىدا 30 نەپەر ياخشى ئۆسمۈر تاللاپ چىقىلدى.

     2010-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر»نى تاللاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت ھازىرغىچە تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، 90 نەپەر ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈر بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.