مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىم خەۋەر

    مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى

    ئامانگۈل2016-12-19 11:01:57شىنجاڭ گېزىتى

     جاۋ شىيا

    ■ يىل ئاخىرىدىكى مەخسۇس ماقالە

    خەلق تۇرمۇشى قىسمى (2)

     يادرولۇق ئەسكەرتمە: ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش؛ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يىلدا توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا: خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

     رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئالدى بىلەن مائارىپنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ئوقۇتقۇچى سەپلەش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، مائارىپنىڭ ئۇللۇق، باشلامچىلىق، ئومۇمىيلىق ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىدا ئوينىغان رولى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

     مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ‹‹قوش تىل›› بالىلار مائارىپى قوشۇنىغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى

     12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى ئۇنتۇساق كەنتى ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىكى بالىلار چاۋاك چېلىشىپ، ‹‹شىنجاڭنى بىللە ساياھەت قىلايلى›› دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتاتتى. بۇ بالىلار ناخشىسىنى مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى ليۇ ياڭ بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بالىلارغا ئۆگەتكەنىدى. 90 – يىللاردا تۇغۇلغان ليۇ ياڭ بىر ئاي ئىلگىرى ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ليۇ ياڭ ئۆزىنىڭ ‹‹قوش تىل›› جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، بالىلارغا نۇرغۇن بىلىم ئۆگىتىپ، بالىلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش – مائارىپقا ياردەم بېرىش جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. ليۇ ياڭ: چارچىساممۇ بالىلارنىڭ تەبەسسۇمىغا ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشتىم، دېدى. ئۇنى خۇشال قىلغىنى، كېلەر يىلى يەسلى كېڭەيتىپ سېلىنىپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش شارائىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقى بولدى.

     جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى، شۇنداقلا مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

    ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 115 ئورۇن ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ناھىيە، شەھەرلەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئاكتىپ تىزىملاتتى. مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 3000 كادىر ئىچىدە تولۇق كۇرس، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەردىن باشقا، يەنە دوكتورلارمۇ بار. مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قىسقا مۇددەت كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا تېز بېرىپ، خىزمەتكە كىرىشىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ساداسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى.

     مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەسئۇلىيەت، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ، بالىلارغا مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلىپ، مېھىر – مۇھەببەتنىڭ ئىللىق نۇرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەممە يۇرتقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چاچتى.

     15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى

     مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزىسى كاماكۆل كەنتى ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى يېقىندا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كەنت ئاھالىسى نۇرنىساگۈل ئاۋۇت: ئىلگىرى بالامنى ئائىلىمىزدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەسلىگە ئاپىراتتىم، ھازىر كەنتىمىزگە يەسلى سېلىندى، يەنە شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسى بالىلىرىمىزغا دەرس ئۆتىدىكەن، بەك ياخشى بولدى، دېدى. كاماكۆل كەنتىنىڭ ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىگە 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي كۆلىمى 5789 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مۇھىتى گۈزەل، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان ئۆلچەملىك كەنت دەرىجىلىك ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى.

     بۇ يىلدىن بۇيان، مەركەز 1 مىليارد يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 552 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنى يېڭىدىن سېلىشى ۋە كېڭەيتىپ سېلىشىغا ياردەم بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 324 يەسلى قۇرۇلدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەلىكىدىكى نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەرگە 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 228 يەسلى سېلىندى.

     يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ بويىچە يېزىلاردىكى تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ھەقسىز يەسلىدە ئوقۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جايلار ‹‹سېلىشقا تېگىشلىك يەسلىلەرنى ئىمكانقەدەر سېلىش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئىككى يىل ھەقسىز بولۇشتىن ئۈچ يىل ھەقسىز بولۇشقا، كەڭ دائىرىلىك قاپلاشتىن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا ئۆزگىرىشتەك جەڭ باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تېز ئومۇملاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىلىپ، مائارىپنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تورى قۇرۇلدى

     يېقىندا ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرى قارابۇلغۇن كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسىدا تاۋۇش ئۆگىنىش ئۆيى، تەجرىبىخانا، مۇزىكا ئۆگىنىش ئۆيى، قىرائەتخانا، رەسىم سىزىش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، مەكتەپتىكى 204 ئوقۇغۇچى كۈندە ئازادە، يورۇق ئاشخانىدا مەززىلىك، ئىسسىق، ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يەيدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئۇنارخان جامى مەكتەپتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ: ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئىككى يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى مەكتىپىمىزدە ئوقۇتۇشنى خالايدۇ، دېدى. قارابۇلغۇن باشلانغۇچ مەكتىپى ‹‹ئات ئۈستىدىكى مەكتەپ›› دەپ ئاتىلىدىغان، ئالتاي شەھىرىدىكى بىردىنبىر چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ ئىدى. ئۇنارخان جامى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدا ئالتاي شەھىرى ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەكتەپنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى، مەكتىپىمىزدىن ئون نەچچە بالا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، يەرلىكتىكى داڭلىق چارۋىچىلىق رايونى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئايلاندى.

     قارابۇلغۇن كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئۆزگىرىشلەر دەل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.

     ئىككى يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايون يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش (تۆۋەندە ‹‹ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش››دېيىلدى) قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 10 مىليارد 61 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى، 2 مىليون 330 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمىدە ئىش باشلاش ۋەزىپىسىنى چۈشۈردى. ‹‹ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش›› قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى، باغراش ناھىيەسى، ئالتاي شەھىرى قاتارلىق 12 ناھىيە (شەھەر، رايون) دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە بېكىتىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

     ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتە ئوقۇش، ياخشى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز

     شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەمەتجان مۇرات مۇنداق دېدى: پوسكام ناھىيەسىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇدۇم، ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسام ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار ئىكەن، بۇنداق ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ۋە مۇھىتىنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەيمەن.

     ئاپتونوم رايون بۇ يىل ‹‹بىرسىنىمۇ كەم قالدۇرماسلىق، بىرسىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق›› پىرىنسىپىنى مائارىپ جەھەتتە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى، بۇلتۇرقى 2 مىليارد 362 مىليون يۈەن ئاساسىدا، دۆلەت، ئاپتونوم رايون مەبلەغ ياردىمى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تۈرلەر بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈردى، ئالدى بىلەن ئارخىپ، كارتا بېجىرگەن ئائىلىلەر ئىچىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىگە – چاقىسىز، مېيىپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلە، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلە قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

     ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپى باسقۇچىغىچە قاپلاپ، مائارىپ باسقۇچىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئىگە بولۇش، قىيىنچىلىقى ئېغىرلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ياردەم تۈزۈملىرىنى ئورناتتى؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، ‹‹ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىرگە تولۇقلىما بېرىش›› سىياسىتىنى يولغا قويدى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى ھەقسىز مائارىپى يولغا قويۇلدى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى جامائەت مالىيەسىدىن كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈلدى، شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا پارچە ئوقۇش خىراجىتى ئومۇميۈزلۈك كەچۈرۈم قىلىندى.

     ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئەمدى تەسكە توختىمايدىغان بولدى؛ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىگە ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈلدى؛ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش كۈچەيتىلدى... مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى خۇددى باھار شامىلىدەك قەلبلەرنى ئىللىتىپ، ‹‹ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش››، ‹‹ياخشى ئوقۇش››تەك گۈزەل ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.