مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قوشماقلىشىش

    ئۆرۈكزارلىق مەھەللىسىدىكىلەر ئۇرۇق–تۇغقانغا ئايلاندى

    مەۋلۇدە2016-12-18 13:25:49شىنجاڭ گېزىتى

     ئادالەت ئابدۇۋەلى خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسىنىڭ ئۆرۈكزارلىق مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر يېقىندا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

        پائالىيەتتە ئاھالىلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى، مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر ئاھالىلەرگە پولۇ ئەتكۈزۈپ بەردى. كۆپچىلىك بىرلىكتە تاماق يەپ، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئاھالىلەر، ئاھالىلەر بىلەن ئاھالىلەر ئۇرۇق – تۇغقان بولۇپ ئۆزئارا سوۋغات تەقدىم قىلىشتى.

        بۇ مەھەللىدىكى 65 ياشلىق ۋاڭ ئەيرۇ خېلىدىن بېرى مەھەللە كادىرى زۇمرەت مۇھەممەدنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەنىدى، بۇ قېتىمقى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە تونۇشقىلى ئۇزاق يىل بولغان بۇ ئىككى دوست يېقىن ئۇرۇق – تۇغقان بولدى. ۋاڭ ئەيرۇ مۇنداق دېدى: زۇمرەت بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرغاچقا، بىرەر ئىش بولسىلا ئۇنى ئىزدەيمەن، ئۇمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ، بۈگۈنكى پائالىيەتتە يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق – تۇغقان بولغىنىمدىن بەك خۇشمەن.

        مەھەللىنىڭ مۇدىرى دېڭ چىڭمېي مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئەسلىدىمۇ بىزنىڭ بۇ مەھەللىدىكىلەر بىر – بىرى بىلەن بەك ئىناق ئۆتەتتى. بۇ قېتىم بىز كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، باش شۇجى ئېيتقاندەك ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئويۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق، پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى بىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى بولدى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.