مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتايلى

    مەۋلۇدە2016-12-18 13:36:51شىنجاڭ گېزىتى

    مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(1) 

    ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

        مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يىراققا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئەمدىلا يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ھازىرقى ئىچكى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2016 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنىنى شەرھلەپ، 2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى ھەرقايسى جەھەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك.

        بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى شۇكى، تەرەققىيات ئاستا بولسىمۇ، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مۇقىملىق ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىنىپ، ئېشىش مۇقىم كۈچىيىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىدە گەۋدىلەندى.

    مۇقىملىق يەنە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ياخشىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتتىكى تىرەكلىك رولى بارغانسېرى كۈچىيىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئۆرلەپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشقا قوشىدىغان تۆھپىسى كۆپىيىشتە تېخىمۇ گەۋدىلەندى. مۇقىملىق يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى بۆسۈشتە گەۋدىلىنىپ، ئاساسلىق ساھەلەردە ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك›› خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئاساسەن يولغا قويۇلۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشتى. مۇقىملىق يەنە خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىدا گەۋدىلىنىپ، نامرات ئاھالە 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازىيىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، يېشىل تەرەققىياتتا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى. دۇنيا ئىقتىسادى سىجىل كاسات بولۇۋاتقان ھەم دۆلەت ئىچىدىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش››تەك چوڭ مۇھىتتا، بۇنداق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسان ئەمەس. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى، شەكىللەنگەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان سىياسىي رامكا ھەم ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى ئاساسىي رىتىمىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلۇقى ۋە پۈتۈنلەي توغرىلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ.

    ئەمەلىيەت مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى ئاساسىي رىتىمىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم پىرىنسىپىمىز، شۇنداقلا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مېتودولوگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدە يەنىلا نۇرغۇن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا ئاستا ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. قانچىكى مۇرەككەپ ئىچكى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنسېرى، كېلەر يىلى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنچە تونۇشىمىز كېرەك.

    مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۈپ نۇقتىسى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشتە. مۇقىملىق جەھەتتە، ئالدى بىلەن ماكرو سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك؛ مۇقىملىق جەھەتتە، بازار مۆلچەرى مۇقىم بولۇش ئاچقۇچ بولۇپ، مۆلچەر مۇقىم بولغاندىلا بازار ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولىدۇ، كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچى ئېشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ئۆسىدۇ. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشمۇ ئوخشاشلا خەۋپ – خەتەرنىڭ تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى، خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئالدىن ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، سۇ كەلگىچە توغان سېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

    مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمى نەتىجە يارىتىشقا تىرىشماسلىق ياكى نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق بولماستىن، بەلكى قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 2017 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى ئاچىمىز، كېلەر يىلى يەنە ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىقتىساد خىزمىتى تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىي ھالىتى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئەمەلىي ئىش قىلىش ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق تەرەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادقا دائىر تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزگەن فاڭجېن – سىياسەتلەرنى چوقۇم ئىجرا قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىسلاھات لايىھەسىنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق، بەجانىدىل ئادا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

     

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.