مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى

    مەۋلۇدە2016-12-18 13:04:11شىنجاڭ گېزىتى

         ئەمدىلا يېپىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ھازىرقى دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كېلەر يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان، شۇنداقلا ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان مۇھىم يىل ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل، بۇ قېتىملىق يىغىن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

        پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەت رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرىشىگە مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان سىياسەت رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى ئىزچىللاشتۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي كۆزلىمە نىشانغا يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، زور خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، مۇھىت سۈپىتى ياخشىلىنىپ، ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلان ياخشى باشلاندى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى.

        ياخشى باشلىنىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارنىمۇ ئېنىق تونۇش كېرەك. چىگىش ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە جاپالىق، ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىمىزدىكى مۇھىم پىرىنسىپىمىز، شۇنداقلا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم مېتودولوگىيەمىز. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مۇقىم بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە ھالقىلىق ساھەلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

        مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە مۇقىملىق ئاساسىي رىتىم، مۇقىملىق ئومۇمىيەت. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇقىم بولۇش ئۈچۈن ماكرولۇق سىياسەت چوقۇم مۇقىم بولۇش، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى، پۇختا ۋە ئىشەنچلىك پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. كۆزلىمە نىشان مۇقىم بولسا بازار مۇقىم بولىدۇ، ئومۇمىيەت مۇقىم بولىدۇ. شۇڭا، ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە، سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بازارلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك.

        مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش نەتىجە يارىتىشقا تىرىشماسلىق، قىلىدىغاننى قىلىشقا پېتىنالماسلىق بولماي، بەلكى ئۆلچەمنى چىڭ ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتىدە جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش››نى تۇتقا قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق، لېكىن تېخىمۇ جاپالىق ۋەزىپە تېخى ئالدىمىزدا، كېلەر يىلى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېھتىياج بولمىغان ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى تۈگىتىش، يېڭى ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەمىنلەش – تەلەپ يوللىرىنى ئېچىپ، تەمىنلەش – تەلەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇل ئومۇمىي مىقدارىنى قەتئىي قاتتىق باشقۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئېنىقلاپ، مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    كېلەر يىلى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئېھتىياجنى قامداش، ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تۈپ يولى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئىدىيە، ھەرىكەت ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلەش كېرەك. ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىقتا پولات – تۆمۈر، كۆمۈر كەسپى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەل قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش؛ قالدۇقسىزلاشتۇرۇشتا 3 – ۋە 4 – قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي – زېمىن قالدۇقى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش؛ پىشاڭسىزلاشتۇرۇشتا باش پىشاڭلىق نىسبىتىنى كونترول قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش؛ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مۇھىم ئامىللار تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتىكى خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا ھەم يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ھەم تەرەققىيات، تۈزۈم جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئۆزگىرىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرىشىپ گۈللەندۈرۈشتە، سۈپەت ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىشتا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دۆلەت ئەھۋالىغا، بازار قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تېز مۇھاكىمە قىلىپ ئورنىتىش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھالقىلىق ئىسلاھاتلارنى چوقۇم پۇختا قەدەم بىلەن مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مالىيە – باج ۋە پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرى بېكىتىلىپ بولدى، ۋەزىپە جاپالىق، مەسئۇلىيەت ئېغىر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى جان – دىلىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى)

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.