مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قوشماقلىشىش

    كەشتىچى ئاچا–سىڭىللار سۇجۇلۇق كەشتە ئۇستىسى بىلەن ئۇرۇق–تۇغقان بولدى

    ئامانگۈل2016-12-16 12:05:30شىنجاڭ گېزىتى

      ئادالەت ئابدۇۋەلى خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇچقارا 2 – كەنتىدىكى كەشتىچى ئاچا – سىڭىل خانئايشەم بىلەن مېھرىگۈل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سۇجۇلۇق كەشتە ئۇستىسى ياۋ خۇيفېن بىلەن ئۇرۇق – تۇغقان بولۇشۇپ، ئۇنىڭدىن ھۈنەر ئۆگەندى.

     بۇلتۇر دۆلەت بايرىمىدا، خانئايشەم بىلەن مېھرىگۈل بىر پارچە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرايلى›› دېگەن خەت كەشتىلەنگەن ئەسىرىنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەكىلى سۈپىتىدە باش شۇجىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. ‹‹پېڭ لىيۈەن كىيىم – كېچەك كەشتىچىلىكى››دىكى سۇجۇ كەشتىچىلىك ئۇستىسى ياۋ خۇيفېن بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ ئاچا – سىڭىلنى سۇجۇ كەشتىچىلىكى ۋارىسى قىلىپ تەربىيەلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم يىراق مۇساپىلىك تور كۆرۈنمە چاستوتى ئارقىلىق ئۇلارغا سۇجۇنىڭ كەشتىچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. بۇ يىل، خانئايشەم بىلەن مېھرىگۈل ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ‹‹كۇچا كەشتىچى ئاچا – سىڭىللار ھەمكارلىق كوپىراتىپى››نى قۇردى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى 15كە، كەشتىچى ۋە تىككۈچى ئۇستىلار 50 كە يەتتى. ھازىر بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىككى كارخانا بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپلا قالماستىن يەنە تاجىكىستانلىق سودىگەر بىلەن 15 مىڭ يۈرۈش خىزمەت كىيىمى تىكىپ بېرىشكە توختاملاشتى.

     ياۋ خۇيفېن تور ئارقىلىق زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم بار، گەرچە مەن سۇجۇدا بولساممۇ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىمەن، خانئايشەم بىلەن مېھرىگۈل مېنىڭ سىڭلىم. ئۇلار بىلەن ئۇرۇق – تۇغقان بولغانكەنمەن ئامالنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ كەشتىچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشۈم كېرەك. بۇ يىل مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى يەنە بىر – ئىككى قارار تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ كەشتىچىلىك تېخنىكىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.