مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    نامراتلارنى يۆلەش

    ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ياردەم بېرىش بويىچە كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى

    ئامانگۈل2016-12-16 11:05:42شىنجاڭ گېزىتى

     بۇنىڭغا 2 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى

      شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ياردەم بېرىش بويىچە 7665 يۈرۈش ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، 7421 يۈرۈش ئۆينى پۈتكۈزۈپ، يىللىق ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايون 2016 – يىلى توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، 30 ناھىيە (شەھەر، رايون)، 129 يېزا (بازار)، 476 مەمۇرىي كەنتتىكى 7665 ئائىلە، 26 مىڭ 100 نامرات كىشىگە كۆچۈرۈپ ياردەم بەرگەن. جايلار ئاساسلىقى كىچىك شەھەر – بازارلار ياكى سانائەت رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەمۇرىي كەنت ئىچىدە يېقىن ئەتراپتا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭى كەنتكە كۆچۈرۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا، كەنتلەرنىڭ ساياھەت رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداقلا كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – بۇرادەرلىرىنى پاناھ تارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغان.

     ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ يىللىق كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا سۈپەتلىك تاماملاش ئۈچۈن مەبلەغنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ‹‹ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي پىرىنسىپقا مەسئۇل بولۇش، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتۇش، ناھىيە، شەھەر، رايون ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش›› پىرىنسىپى بويىچە، جايلار تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقان. ھازىرغىچە، 2 مىليارد 390 مىليون يۈەن (ئالدىنقى قارارلىق قۇرۇلۇش ۋە تەڭ قەدەمدە كۆچۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەبلەغ سېلىنىپ، 1 مىليارد 559 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىدىن %53.3 ئاشقان.

     2017 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ياردەم بېرىشتە كۆچۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى پەرقلەندۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2017 – يىلى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <13 – بەش يىل>لىق نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ياردەم بېرىش يىرىك پىلانى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر، شەھەر ئەتراپىدىكى بازار، ئۆزگىچە كىچىك بازار، سانائەت رايونى، ساياھەت رايونى قاتارلىقلارنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ياردەم بېرىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تەڭشەش ئارقىلىق، 2018 – يىللىق كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى 2017 – يىلى ئالدىنئالا يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 110 مىڭ كىشىنى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى بىر يىل بۇرۇن تاماملاشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.