مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ ئەل خىزمىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت نازارىتىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشكەن ئىككى ئايال كادىر يەسلىدىكى بالىلارغا ئىئانە ئارقىلىق توپلىغان قىشلىق كىيملەرنى يەتكۈزدى

    پەرغانە غوپۇر2016-12-08 11:28:04تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 5-دېكابىر ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ سۇيۇتقا كەنتى ۋە ئاقتوقاي كەنتى بىرلەشمە قوش تىل يەسلىسىدىكى بالىلار مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ئىئانە قىلغان پاختىلىق چاپان ۋە قىشلىق ئاياغلارنى كىيىپ، بايرام كەبى خۇشاللىققا چۆمۈلدى.

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت نازارىتىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشكەن ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى ھەجەرگۈل سىيىت بىلەن نۇرساۋلې قاسىمخان بالىلاردىن بەكرەك خۇشال بولدى. ئۇ ئىككىسىنىڭ جەمئىيەتكە تارقاتقان مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش تەشەببۇسى ئاكتىپ ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۈچ مېھرى-شەپقەت كارخانىسى بالىلارغا 260 مىڭ يۈەن قىممىتىدە پاختىلىق چاپان، قىشلىق ئاياغ ۋە شۇنىڭدەك بىر قاتار تۇرمۇش لازىمەتلىكلەرنى تەقدىم قىلغان.

     ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە تارقاتقان مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش تەشەببۇسى مۇنداق باشلانغان، يەنى 11-نويابىر بۇ ئىككىيلەن يەسلى ئوقۇتۇشىغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن ۋاقتىدا، نۇرساۋلېنىڭ سىنىپىدىكى بەش ياشلىق قىزچاق چىمەنگۈل روزى ھاجەتكە ئولتۇرغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر پاي ئايىغىنى ھاجەتخانا ئوقۇرىغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. چىمەنگۈل روزى نۇرساۋلېغا يىغلاپ تۇرۇپ: « مۇئەللىم مېنىڭ بىر ئايىغىم ھاجەتخانىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئەسلىدە ئاچامنىڭ ئايىغى ئىدى، ئەمدى ئۇنىڭ كەيگۈدەك ئايىغى قالمىدى، ئۆيگە قايتسام ئاپام چوقۇم مېنى ئۇرىدۇ» دېدى.

     شۇ كۈنى ھەجەرگۈل سىيىت سىنىپىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ پۇتىغا پاتماي قالغان كونىراپ كەتكەن كىچىك ئاياغنىڭ كەينىنى دەسسەپ كىيىۋالغانلىقتىن، پۇتلىرىنىڭ توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

     ئىككىيلەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، سىنىپىدا كۆرگەن بۇ ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى ھەمدە جەمئىيەتكە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلىدى.

     مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش تەشەببۇسى شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق تارقىتىلدى، بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت نازارىتى سىستېمىسىدىكى كادىر، ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە توختىماي تارقىتىلىپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى ۋە مېھرى-شەپقەت كارخانىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

     ئۈچ مېھرى-شەپقەت كارخانىسى بۇ تەشەببۇسقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بالىلارغا 260 مىڭ يۈەن قىممىتىدى پاختىلىق چاپان، قىشلىق ئاياغ ۋە شۇنىڭدەك بىر قاتار لازىمەتلىكلەرنى تەقدىم قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت نازارىتى ئاياللار خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللىگەن نازارەت سىستېمىسىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر بالىلارغا ئاتاپ ئۆز قولى بىلەن ئون نەچچە پوپايكا توقۇپ بەردى.

     بۈگۈنگە قەدەر، مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئىئانە توپلاش تەسەببۇسىنىڭ توختىماي تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مېھر-شەپقەت ئىگىلىرى ئاقتوقاي يېزىسى سۇيۇتقا كەنتى، ئاقتوقاي كەنتى بىرلەشمە قوش تىل يەسلىسىدىكى بالىلارغا مېھىرلىك قوللىرىنى سۇندى.

     7-دېكابىر ھەجەرگۈل سىيىت گۇاڭدۇڭدىكى بىر تورداشنىڭ بالىلارغا ئەۋەتكەن قىشلىق چاپان ۋە ئاياغلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ھاياجانلانغىنىدىن ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ئىختىياسىز نەملەندى.

     ھەجەرگۈل سىيىت مۇخبىرغا: «بىز يەنىمۇ كۆپ قوش تىل خىزمەتچىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا يەسلى ئوقۇتۇشىغا ياردەم بېرىش سېپىگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ جايدىكى بالىلار ھەقىقەتەنمۇ بىزگە مۇھتاج. مائارىپقا ياردەم بېرىش بىر تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت، بەلكىم سىزنىڭ كىچىككىنە بىر ھەرىكىتىڭىز بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن» دېدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.