مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىم خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-12-05 10:41:47شىنجاڭ گېزىتى

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەختنىڭ مەنبەسى

     لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش. 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ‹‹كوئېنلۇن›› مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ناخشا ياڭراۋاتاتتى، زال ئىچى بايرام تۈسىگە كىرگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى 300 نەچچە ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى بىلەن بىللە جەم بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە. بۇ چوڭ ئائىلىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىدى، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ئارقىمۇئارقا، تۈركۈم – تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى باشلامچى بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئالتە تۈركۈمدە 360 كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى 380 ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئىچىدە ئالدىدا ماڭدى.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلىنىشى بىلەن، شۆھرەت زاكىر قىزغىن كەيپىياتتا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەختنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت تەڭرىتاغ پەرزەنتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يۈرەك ساداسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئورگان – ئىدارىلەردىن چىقىپ، يېزا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، سىردىشىپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹ھەممە مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دېگەن چوڭقۇر دوستلۇقنى ھېس قىلدۇردى. بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسى ۋە يولداشلارنىڭ ‹‹جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دەيدىغان ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق مۇجەسسەملەپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن، كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ، ھەر مىللەت خەلق ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆز ئارا ھۇزۇرلىنىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدا ئىناق، ئىتتىپاق، كەڭ قورساق، بىر – بىرىنى چۈشىنىدىغان، مۇناسىۋىتى قويۇق، ئايرىلماس ‹‹چوڭ ئائىلە›› مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئورنىتىپ، بەنگۇڭتىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۇسسۇل ‹‹ئۆزبېك قىزى›› بىلەن باشلاندى... يېقىملىق ناخشا ساداسىغا كۆپچىلىك ئورتاق جور بولدى. ناخشا ساداسى ئىچىدە شۆھرەت زاكىر ۋە ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى قەدەھ كۆتۈردى... ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئۈستىدە ئورتاق توختالدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چوڭقۇر دوستلۇقى ئۈستىدە مۇڭداشتى. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكىلەر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىندى.

     ئاخىرىدا، بەنگۇڭتىڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ‹‹ئىتتىپاقلىق كۈچ›› دېگەن ناخشىنى تەڭ ئېيتتى، كۆپچىلىك جۇشقۇن ناخشا ساداسى ئىچىدە بىرلىكتە قەدەھ كۆتۈرۈپ، ۋەتەنگە، شىنجاڭغا بەخت تىلەپ: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرىخى مەڭگۈ ياپيېشىل تۇرسۇن!›› دېگەن ئورتاق ئۈمىدىنى ياڭراتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.