مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىم خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-12-05 10:43:49شىنجاڭ گېزىتى

     جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئورگاندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر تەييارلىغان ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىشىپ، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزئارا قېرىنداش بولۇش، ئۆزئارا يوقلىشىپ، ياردەم بېرىشتەك چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەتنى ئورتاق ھېس قىلىشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، شىبە، قىرغىز، ئۆزبېك، مانجۇ، تۇجيا، داغۇردىن ئىبارەت 11 مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %40 ىگە يېقىنراقىنى ئىگىلەيدۇ. كۆپ يىلدىن بۇيان، ئورگاندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى دېگەن ئىدىيەنى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئادىتىگە ئايلاندۇردى.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، ئورگان كادىرلىرىنىڭ تۆت ۋەكىلى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، قوشماقلىشپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىدە ھېس قىلغانلىرى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىق رەھبەرلەر ئورگاندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلانغاچ، خۇشال – خۇرام مۇڭداشتى، پائالىيەت مەيدانى ئىتتىپاقلىق، خۇشاللىق، ئىناقلىق كەيپىياتىغا چۆمدى. شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول، ئېسىل ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى ئورگان كادىرلىرىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلدى، كۆپچىلىك بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن يېنىدا ئولتۇرغان ئورگان كادىرى لى زۇخۇا، جۈرئەت ئابلىمىت بىلەن ئىتتىپاقلىق، خىزمەت ئۈستىدە پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چىن مېھرىمىزنى بېرىپ، ئىشلارنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىغاندىلا، ئاندىن سىردىشىپ، قەلبداش بولغىلى بولىدۇ. ئەڭ چوڭ كۈچ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، ئەڭ مۇستەھكەم ئاساس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى. ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ئالاقىسى قانچىكى كۆپەيگەنسېرى، كۆڭلى شۇنچە يېقىنلىشىپ، مېھىر – مۇھەببەت شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ئىشنى كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇشتىن باشلىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، تىل ئۆگىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ روھىدىن ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك؛ سىياسىي كېڭەش ئورگىنى مول مەزمۇنلۇق ھەمتۈرتكە بولىدىغان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى كۆپرەك تەشكىللەپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مېھىر – مۇھەببەتنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئاخىرىدا زوق – شوق بىلەن ئورۇنلانغان مىللىيچە ناخشا قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر شوق ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقىغا ئورتاق شاھىت بولدى.

     بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، گۈلشاد ئابدۇقادىر قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.