مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ ئەل خىزمىتى

    خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقان-چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پائال ئىزدەندى

    مەۋلۇدە2016-11-28 10:16:10تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      

    27-نويابىر, ئاياللار گىلەمچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا گىلەم توقۇماقتا

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدىن پوسكام ناھىيە كۈيباغ يېزا كۈيباغ كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قارىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

     بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىدارە رەھبەرلىرىگە ئەھۋال مەلۇم قىلىش ئارقىلىق 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، 10 يۈرۈش گىلەم توقۇش ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ، كۈيباغ كەنتىدە ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى گىلەمچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ھەمدە كەنت تەۋەسىدىكى 66 نەپەر ئايالنى ئېيىغا 800 يۈەندىن گىلەم توقۇش كەسپىنى ئۆگىنىش تولۇقلىمىسى بېرىش شەرتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، كەنتتىكى شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان 150 كە يېقىن ياشنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىشىغا 675مىڭ يۈەن ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ناھىيەلىك «لى مىڭ» شوپۇرلۇق مەكتىپىدە تەربىيەلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.